ئىلگىرى خەۋەرلەر بېرىپ ئۆتكۈزىمىزدەك، بۇ يىل باھار باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب- شىمالىدا كەلكۈن ئاپىتى، تاغ سېرىلىش، قىيان كېلىشكە ئوخشاش ئاپەتلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇردى. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار باھاردىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان بۇ پەۋقۇلئاددە ئاپەتلەرنىڭ سەۋەبىنى "قار ئېرىش خاراكتېرلىك كەلكۈن ئاپىتى" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
كەڭ دائىرىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىشى مۇمكىن
ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش پونكىتلىرىنىڭ ھەمدە مېتېئورولوگىيە ئىدارىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى خەۋەر تورىدا بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىل 7 - ئاي ۋە 8 - ئاي مەزگىللىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلگىرىكى يىللارغا باققاندا يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.
چۈنكى، ئۆتكەن يىل قىشتىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھاۋا كېلىماتى ئىنتايىن تۇراقسىز بولغان بولۇپ، قار يېغىش نىسبىتىمۇ ئىلگىرىكى 15 يىلدىن بۇيان ئەڭ كۆپ بولغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قار بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى ھەم قارنىڭ قېلىنلىقى زورايغان.
بىز ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قايسى جايلىرىدا ئاپەت يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى كۆپلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلار جاۋاب بەرمىدى.
زىيان خېلى كۆپ بولغان
بۇ يىل مارت ئېيىدا، ئىلى تەۋەلىكىدە بىر ھەپتىدىن ئارتۇق يامغۇر يېغىپ ھەمدە قىشتىن بۇيان يىغىلغان قارلارنىڭ بىراقلا ئېرىشى بىلەن ھاسىل بولغان كەلكۈندە ئىلىنىڭ كۆنەس، تېكەس، توققۇزتارا قاتارلىق ئالتە ناھىيىسى ئوخشىمىغان تەسىرلەرگە ئۇچراپ بىر ئادەم ۋە نۇرغۇن مال - ۋارانلار ئۆلگەن ھەمدە تېرىلغۇ يەرلەر نابۇت بولغان ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرى ماي ئېيىدا سىبىريىنىڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىگە ئۇچرىدى. 13 - مايدا ئۈچتۇرپان، باي، مارالبېشى، ئالار قاتارلىق 9 ناھىيە، تۇيۇقسىز ياققان مۆلدۈرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى.
ھازىرغا قەدەر تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ جايلاردا ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان تېرىلغۇ مەيداننىڭ كۆلىمى جەمئىي 189 مىڭ موغا يېتىپ، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 1 مىليون 650مىڭ يۇئەندىن ئاشقان. نۆۋەتتە ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلاردىكى دېھقانلار يەرلەرنى قايتىدىن تېرىشقا باشلىغان بولۇپ، جىق چىقىم تارتقان.
بۇ ھەقتە يېقىندا مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايدىكى بىر دېھقان ئايال، ئاپەتتە دېھقانلارنىڭ باھاردىن بېرى قىلغان ئەمگىكىنىڭ بىكار بولۇپ، ئەمدى تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى قايتىدىن قىلىشقا مەجبۇر بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تەڭرىتاغ تور بېتىدە پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق شىتابىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى شۇنداقلا غەربىي جەنۇبىدىكى دەريالارنىڭ سۇيى ئىلگىرىكى مۇشۇ مەزگىلگە قارىغاندا 15٪ ئەتراپىدا جىق بولۇپ، ھاۋا تېمپىراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆتۈرىلىشىگە ئەگىشىپ دەريا سۇلىرىمۇ كۆتىرىلىدىكەن. 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 8 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە قىيان ھەم كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن.
كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرى تېخى ئىشلەنمىگەن
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ھازىرغىچە تېخى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر كەلگۈسى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولغان كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە تېخى تېگىشلىك تەدبىر قوللانمىغان. شۇنداقلا ئاپەت يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولغان جايلاردىكى ئاممىنىڭمۇ بۇنىڭدىن خەۋىرى يوق ئىكەن. بۇ ھەقتە ئىلىنىڭ نىلقا ناھىيىسىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسىنىڭ بىر خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ "ناھىيىمىز ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغاچقا ھەر يىلى كەلكۈن ئاپەتلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئەگەردە ھاۋارايى ئىدارىلىرى ئالدىن خەۋەر بەرسە، بىز ئاممىنى ھەم چارۋىلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ زىياننى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشكە تىرىشىمىز. ئۇنداق بولمىغاندا، تۇيۇقسىز كەلگەن ئاپەتتە دېھقان- چارۋىچى ئامما ئەڭ كۆپ زىيان تارتىدىغان گەپ، بۇ يىل تېخى ئۇنداق ئۇقتۇرۇشمۇ يوق" - دېدى.
ئۇ يەنە بۇلتۇر يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق كەلكۈن ھەمدە تاغ سېرىلىش ئاپىتىدە ناھىيىدە جەمئىي 15 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى يەنە نۇرغۇن چارۋا ماللارنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما بىلىشىمىزچە ئىلگىرى بۇ ھەقتە خىتاي ئاخباراتلىرى ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.
مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئىگە بولغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 7 - ھەم 8 - ئايلاردا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئىلگىرىكى يىللارنىڭ مۇشۇ مەزگىلىدىن پەرقلىق يۇقىرى بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالى ئېتەكلىرىدە كەڭ كۆلەملىك كەلكۈن ئاپەتلىرى يۈز بېرىدىكەن. شۇنداقلا ئالاقىدار دائىرىلەر، ھەر قايسى جايلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تەييارلىقلىرى تېخى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئاپەتنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيانلىرىنى مۆلچەرلەشنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (گۈلچېھرە)