بۇ يىل باھار باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە، بولۇپمۇ تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ئېتەكلىرىدە كەلكۈن ئاپەتلىرى پەۋقۇلئاددە كۆپ كۆرۈلمەكتە. بۇ كەلكۈن ئاپەتلىرىنى ئاساسەن قاتتىق يامغۇر پەيدا قىلغان.
50 يىلدىن بۇيانقى ئېغىر ئاپەت
13- ئىيوندا، ئىلىنىڭ قورغاس ناھىيىسىنىڭ ئالمىلىق ھەم لۇسىگوڭ بازارلىرى قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى. ئاپەت رايونىدىن ئىگە بولغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ كەلكۈن ئاپىتىدە ھازىرغا قەدەر تۆت ئادەم ئۆلگەن، تۆت ئادەم يارىلانغان يەنە 15 ياشلاردىكى بىر قىز يوقاپ كەتكەن.
يەرلىكلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 50 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى بولۇپ، لۇسىگوڭنىڭ بىرىنچى ھەم سەككىزىنچى كەنتلىرىدە ئاپەت ھەممىدىن ئېغىر بولغان.
ئىلى ئوبلاستى خەۋەر تورىدا بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، قورغاسنىڭ ئالمىلىق، لۇسىگوڭ قاتارلىق ئالتە كەنتىدە جەمئىي 200 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى ئۆرۈلگەن.10 مىليون يۇئەن قىممىتىدىكى سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرى ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان،30 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرلەرنى ئاساسەن سۇ باسقان. ھازىرغىچە تەخمىنلەنگەن ئىقتىسادىي زىيان 50 مىليون يۇئەندىن ئاشىدىكەن. كەلكۈندە دېھقان- چارۋېچىلارنىڭ قانچىلىك مال- ۋارانلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە تېخى سانلىق مەلۇمات چىقىرىلمىغان.
قورغاس ناھىيە بازىرىدىكى بىر كىشى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ، ناھىيە بازىرىغا ئانچە تەسىرى بولمىغان بولسىمۇ ئەمما، ئالمىلىق ھەم لۇسىگوڭ بازارلىرى كەلكۈن ئېغىزى بولغاچقا ھەر يىلى مۇشۇنداق ئاپەتلەر يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە، گوزىگۇۋ يەنى ئالمىلىققا تېلېفون قىلىپ، ئاپەتتىكى ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدۇق. بىر قازاق ئايال بۇ كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆزىنىڭ ئۆيىگىمۇ سۇ كىرگەنلىكى، قوشنىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆرۈلگەنلىكى، نۇرغۇن چارۋىچىلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئېقىپ كەتكەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۆزلەپ كېلىپ "بۇ مەن تۇغۇلۇپ 48 ياشقا كىرگىچە كۆرگەن ئەڭ ئېغىر بىر ئاپەت بولدى" دەپ بىلدۈردى.
ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان
بىز كەلكۈن ئاپىتى ھەممىدىن ئېغىر بولغان لوسىگوڭ بازارلىق ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلدۇق. كېچىلىك كۆزەتتە تۇرىۋاتقان بىر قازاق خادىم، لۇسىگوڭدا 8- كەنتنىڭ ئەھۋالىنىڭ بەكرەك ئېغىرلىقىنى ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ياردەملىرىنىڭ تېخى يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپەتتە 15 ياشلاردا بىر قىز يوقاپ كەتكەن، كەنتتىكى ئامما ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئىز دېرىكىنى ئالالمىغان ئىكەن.
ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل بېشىدىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە كەلكۈن سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئادەملەر سانى يىگىرمىگە يەتكەن. كېلىپ چىققان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان يۈز مىليون يۇئەندىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.
مۇشۇ ئاينىڭ -1 ھەم -2 كۈنلىرى ئالتاي شەھەر ئىچى ھەم ئالتە ناھىيىدە يامغۇر سەۋەبىدىن بىراقلا كەلكۈن كېلىپ، نۇرغۇن ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ ئىككى ھەپتە ئىچىدە، ئارقىدىنلا قورغاستىمۇ زور كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى.
بىز ئالتايدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلى مېتىرولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىگەن ئاخباراتىمىزغا ئاساسەن، يېقىن ئارىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، تېخىمۇ زور كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا ئېغىر بولغان تەبىئىي ئاپەتلەرگە يۈزلەنمەكتە ئىكەن. (گۈلچېھرە)