ئىلى دەريا ۋادىسىدا كەلكۈن ئاپىتى ئېغىرلاشماقتا


2006.06.19

ئالدىنقى يىللارنىڭكىدەك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىدا بۇ يىلمۇ ھۆل-يىغىن سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كەلكۈن ئاپەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ ئىلى دەريا ۋادىسىدا بىر قەدەر ئېغىر بولدى. بۇ رايوندا 16‏- ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ ئۇدا ياغقان يامغۇر سەۋەبلىك، ھازىر ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى غۇلجا، توققۇزتارا، كۈنەس ۋە نىلقا قاتارلىق ناھىيىلىرىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، 200 مىڭدىن كۆپ كىشى ئاپەت زىيىنىغا ئۇچرىغان.

ئۈچ ئادەم ئۆلگەن

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ تاغلاردىن لاي-لاتقا ۋە شېغىللارنىڭ سېرىلىش ئەھۋالىمۇ ئېغىر بولغان. ئاپەت تەسىرىدىن ھازىرغىچە 3 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. غۇلجا ناھىيىسىدە قازا قىلغان بىر كىشى خىش ياساش ئىشچىسى بولۇپ، كەلكۈن كەلگەندە بۇ كىشى قېچىشقا ئۈلگۈرمەي ئۇنى سۇ ئېقىتىپ كەتكەن. قالغان ئىككىسى توققۇزتارا ناھىيىسىنىڭ تاشتۆپە يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇلارنى ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ بېسىۋالغان ئىكەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان توققۇزتارا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى خادىمى كەلكۈننىڭ مەزكۇر ناھىيىنىڭ بەزى يېزىلىرىدا بىر قەدەر ئېغىر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ھازىر قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى داۋاملىق ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. بۇ رايونلاردىكى 90% كە يېقىن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرى لاي كېسەك ئۆيلەر بولغاچقا، ئاساسەن كۆپۈنچىسىدە سۇ ئۆتۈش ۋە دەز كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ خەتەرلىك ئۆيلەرگە ئايلانغان.

ئىقتىسادىي زىيان

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا كەلكۈن، ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى رايونلارغا كەڭ-كۆلەمدە تەسىر كۆرسىتىپ، ھازىرغىچە 60 مىليون يۈئەن بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنداقلا نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئۇلاستاي يېزىسىدىلا مىڭ ئېغىزغا يېقىن ئۆينى سۇ بېسىپ ۋەيران قىلغان ھەمدە 800 دىن كۆپ چارۋا مالنى سۇ ئېقىتىپ كەتكەن. ھازىر ئاپەت ئېغىرراق ناھىيىلەردە، ئامما مەكتەپ ۋە باشقا ئىدارە بىنالىرىدا ئاپەت ئۆتۈپ كەتكۈچە ۋاقىتلىق پانالانماقتا ئىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىدارىسى نۆۋەتتە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلىنىپ بولۇپ ئەمدى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە "قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ھازىر يەرلىك ئورۇنلارنىڭ تەلىۋى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. كەلكۈن ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلىۋېلىندى" دېدى. بىز يەنە ئۇنىڭدىن ئاپەت زىيىنىغا ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ قانداق ياردەملەرگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ، ئاپەت زىيىنىغا ئۇچرىغان 200 مىڭ كىشىنىڭ ھەممىسىلا ئۆيسىز قالمىغاچقا، ۋەزىيەتنىڭ ئۇنچىلىك جىددىي ئەمەسلىكىنى، ھازىر يەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرىنىڭ كەلكۈندە ئۆيىدىن ئايرىلىپ قالغان خەلقلەرنى ئورۇنلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كەلكۈن باشقا يىللارغا قارىغاندا ئېغىر

كەلكۈن ئاپىتىنىڭ بۇ رايونلارغا كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلىرى ئېغىر بولۇپ، ئۆيلەرنى سۇ ئېلىپ كېتىشتىن سىرت يەنە، بۇ يەردىكى 1400 گېكتارغا يېقىن دېھقانچىلىق مەيدانىنى سۇ بېسىپ كەتكەن ھەمدە نۇرغۇن قاتناش يوللىرى توسىلىپ، بىر قىسىم جايلارنىڭ ھەتتا ئىچىملىك سۇ تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالغان. شۇنداقلا مىڭدىن ئوشۇق چارۋا مال ئۆلگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاپەت رايونىدىكى خەلقلەر ھازىر يەنىلا تۇرالغۇ جاي ۋە يامغۇردىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى ھەمدە باشقا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ئوبلاستى كەلكۈن ئاپىتىگە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان رايونلار بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىدارىسىنىڭ خادىمى بۇ يىل مەزكۇر رايوندىكى كەلكۈن ئەھۋالىنىڭ ئالدىنقى يىللارنىڭكىگە قارىغاندا ئېغىرراق بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئۇ يەنە، كەلكۈن ئاپىتىنى ئاساسلىقى ھۆل-يىغىننىڭ كۆپ بولىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەمما بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، دۇنياۋىي ئىقلىم ئۆزگۈرۈشىنىڭ تەسىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.