ئۇيغۇر ئېلىدە كەلكۈن ئاپىتى داۋاملاشماقتا


2007.07.18

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا 16 ‏- ئىيۇل كۈنىدىن بۇيان ياققان قاتتىق يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلىپ، قاتناشنىڭ ئېغىر دەرىجىدە توسۇلۇپ قېلىشىنى ھەتتا بىر كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى، 5 كىشىنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كېتىشىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.

ئىستانسىمىز كەلكۈن ئاپىتى ئېغىر دەرىجىدە يۈز بەرگەن قۇمۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، قۇمۇل ۋىلايەتلىك ھاۋا رايى ئىدارىسى ۋە قۇمۇل شەھەر ئاھالىسى شۇنىڭدەك تۇرپاندىكى ئاھالىلەرگە تېلېفۇن ئۇردى.

ئاپەت ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقى شىمال رايونىدا

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇمۇل ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىرى، سانجى ئوبلاستى ۋە قاناس ساياھەت رايونلىرىدا ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا مورى ناھىيىسىدە بىر كىشىنىڭ قازا قىلىپ، 4 كىشىنىڭ كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى 5 كىشىنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە ئاپەت يۈز بەرگەن جايلاردىكى تاش يوللارنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن نەچچە يۈزلىگەن ئاپتوموبىل ۋە نەچچە يۈزلىگەن يولۇچىلارنىڭ نىشانىغا يېتەلمەي توختاپ قېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېلان قىلماقتا.

ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋا رايى ئىدارىسى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كۆپ ئىزدەنگەن بولساقمۇ ، ئەمما تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى ئالىدىغان كىشى چىقمىدى.

زىيارىتىمىز جاۋابسىز قالدى

بىز يەنە ئاپەت ئەڭ ئېغىر يۈز بەرگەن قۇمۇل ۋىلايىتىدىن مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، قۇمۇل ۋىلايەتلىك ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋېي گېنچېڭنى زىيارەت قىلدۇق.

ۋېي گېڭچېڭ بىزدىن ئالدى بىلەن، سىلەر قايسى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دەپ سورىدى.

ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفۇن ئۇرۇۋاتقانلىقىمىزدىن خەۋەردار بولغان ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ بۇ مەسئۇلى، "سالاھىيىتىڭلار ئېنىق ئەمەس ئىكەن، بىزنىڭ سىرتقا مەلۇمات بېرىشتە بىر قاتار قائىدە - پرىنسىپلىرىمىز بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئاپەت ئەھۋالىدىن تېخى ئېنىق خۇلاسە چىقىرىش قېيىن، مەن سىزگە ھېچنەرسە ئېيتىپ بېرەلمەيمەن" دەپ، بىزنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ئاپەت ئەھۋالى، ئاپەتتىن كېلىپ چىققان زىيان، كەلكۈنگە ئۇچرىغان ئاھالىلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە كەلكۈن يەنە داۋاملاشسا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارە - تەدبىرلىرى ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىمىزنىڭ بىرىگىمۇ جاۋاب بەرمىدى.

ئۇيغۇر پۇخرالىرىنىڭ جاۋابى

بىز قۇمۇل شەھىرىدىكى بىر قانچە ئاھالىگە تېلېفۇن ئۇرۇپ، كەلكۈن توغرىسىدا ئېنىقراق ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، بىر خىتاي پۇقراسى"مېنىڭ كەلكۈندىن ئېنىق خەۋىرىم يوق " دېدى. يەنە بىر ئۇيغۇرمۇ بىزگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمىدى.

بىز يەنە كەلكۈننىڭ تۇرپان ۋىلايىتىدىكى يېزىلارغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغان ئىدۇق، تۇرپان شەھىرىدە تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر قىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كەلكۈننىڭ ھەقىقەتەن چەت يېزىلاردىكى دېھقانلارغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.