ئالتاي كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى


2005.06.02

ئالتايدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن ئىگە بولۇشىمىزچە، بىر ھەپتىدىن بۇيان ئالتاينىڭ ھاۋا كېلىماتى ئاساسەن يامغۇرلۇق بولغان بولۇپ، 1 - ئىيۇندا يامغۇر كۈچىيىپ بەزىدە مۆلدۈرگە ئايلانغان. قاتتىق ياققان يامغۇر كەلكۈن پەيدا قىلىپ، ئالتاي شەھەر ئىچىدىكى كوچىلارغا تولغان سۇنىڭ چوڭقۇرلىقى 40 سانتىمېتىردىنمۇ ئېشىپ كەلكەن.

ئالتاي شەھەر ئىچىنىڭ قاتناش، ئۇچۇر -ئالاقە ئىشلىرى دەخلىگە ئۇچراپ توختاپ قالغاندىن باشقا، ھازىرغىچە بەزى كۆرۈكلەر ئۈزۈلۈپ، ئىككى ئۆي ئۆرۈلگەن ھەمدە نۇرغۇن ئىدارە - ئورگان ھەمدە سودا دۇكانلىرىغا سۇ كىرگەن.

زىيا خېلى كۆپ بولغان

ئالتاي شەھەر ئىچىگە قارىغاندا، ئالتاينىڭ بۇرچىن ۋە قابا ناھىيىلىرىدە ئاپەتنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلىرى تېخىمۇ ئېغىر ئىكەن.

يامغۇردا بۇرچىن دەرياسىنىڭ سۈيى شىددەت بىلەن كۆتۈرۈلۈپ، بۇرچىن ناھىيىسىغا قىيان كەلگەن. ۋە يەنە، قابا دەرياسىنىڭمۇ سۈيى تېشىپ، ئەتراپتىكى يېزا - ناھىيىلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە كەلكۈن ئاپىتى تۇغدۇرغان.

تەڭرىتاغ تور بېتىدە ئالتايدىكى كەلكۈن ئاپىتى ھەققىدە، 2 - ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاپەت بىر قەدەر ئېغىر بولغان بۇرچىن ناھىيىسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا 700 ئائىلە 3000 مىڭ كىشى بىخەتەر جايلارغا كۆچۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر رايونى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بەختكە يارىشا، بۇ قېتىمقى كەلكۈندە ھازىرغا قەدەر تېخى ئۆلۈم - يېتىم ۋەقەلىرى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ ئەمما تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ كەلكۈندە ئالتاي شەھەر ئىچىنىڭ ئۇچرىغان بىۋاستە ئىقتىسادى زىيىنى 8مىليون يۇئەندىن ئاشقان. ئىككى ئۆي ئۆرۈلگەندىن باشقا جەمئىي 301 ئېغىز ئۆي خەتەرلىك ئۆيلەرگە ئايلانغان. 910 مو تېرىلغۇ يەر ۋەيران قىلىنغان. يەنە 60 تۇياق مال-ۋاراننى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن.

ئاپەت ئەھۋالى خېلى ئېغىر

ھازىرغىچە، ئالتاي دائىرىلىرى تېخى كەلكۈن ئېغىرراق بولغان قابا ھەمدە بۇرچىن ناھىيىلىرىنىڭ ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بەرمىدى. بىز كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە بەكرەك ئۇچرىغان قابا ھەمدە بۇرچىن ناھىيىلىرىنىڭ ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

ئالتاي ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ دەرھال ھەرىكەت قىلىپ كەلكۈننى تىزگىنلىۋالغانلىقىنى، ھازىرغىچە ھېچقانداق ئادەم ئۆلگەن ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ھەمدە باشقا ناھىيىلەرنىڭ ئاپەت ئەھۋالىدىن تېخى تولۇق ئىستاتىستىكا چىقىرىپ بولالمىغانلىقىنى، دەريا ئەتراپىدىكى ناھىيىلەرنىڭ ئاپەت ئەھۋالىنىڭ بىر قەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئالتايدا ھازىرغىچە يامغۇر توختىماي يېغىۋاتقان بولۇپ، تاغلىق رايونلاردا يامغۇر تېخىمۇ قاتتىق يېغىۋاتقان بولغاچقا كەلكۈننى تىزگىنلەش ئىشلىرى قىيىن بولماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە قابا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ بىر خادىمى تېلېفوننى ئېلىپ "ناھىيىمىزدە كۆلباي يېزىسىنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر، كۆپ ئۆيلەر ئۆرۈلدى، ناھىيىمىزنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى كەلكۈن ۋەيران قىلىندى، ناھىيىنىڭ، يېزىنىڭ رەھبەرلىرى تەكشۈرۈشكە چۈشۈپ كەتكەن، باشقا ئەھۋاللىرى ئەتە مەلۇم بولىدۇ" –دېدى.

ھۆكۈمەتتىن تېخى ياردەم كەلمىگەن

بىز يەنە قابا ناھىيىسى كۆلباي يېزىسىدىكى بىر قازاق چارۋىچىدىن ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق. بۇ قازاق چارۋىچى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېزىدا يامغۇر قاتتىق يېغىۋاتقانلىقىنى كەلكۈندە چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرى، قوتانلىرى ئۆرۈلۈپ ئېغىر ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلدۇردى. ئۇ كىشى يەنە ئۆيلىرى ئۆرۈلگەن چارۋىچىلارنىڭ ئامالسىز قالغانلىقىنى، ھۆكۈمەتتىن تېخى ھېچكىم ياردەمگە كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.