كەلكۈن ئاپىتى ئالتاي ۋىلايىتىگە ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلدى


2005.06.06

ئالتاي ۋىلايىتىدە مۇشۇ ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ بىر قانچە كۈن ئۇدا ياققان، قاتتىق قار- يامغۇر كەلكۈن ھاسىل قىلىپ، ئالتاي شەھەر ئىچىدىن باشقا يەنە، قابا، بۇرچىن، چىڭگىل، كۆكتوقاي قاتارلىق ناھىيىلەردە ئېغىر ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.نۆۋەتتە ئاپەت يۈز بەرگەن جايلاردا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى داۋام قىلماقتا ئىكەن.

ئالتاينىڭ يەرلىك مەتبۇئاتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە كەلكۈن ئاساسەن تىزگىنلەنگەن بولۇپ، كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردا گەرچە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆرۈلگەن ئۆيلەر ھەم زەيلەشكەن ئۆيلەرنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيمەكتە ئىكەن. ئىگىلىشىمىزچە كۆكتوقاينىڭ تېمېكى يېزىسىدىلا 60٪ تىن كۆپرەك ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى ئۆرۈلگەن.

ئالتايدا كەلكۈن ئاپىتىدە قالغان ئاممىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇلار بىردەك بۇ قېتىمقى كەلكۈننىڭ ئالتاي تەۋەسىدە ئون - يىگىرمە يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپباقمىغان بىر قېتىملىق ئاپەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كەلكۈن ئاپىتىدە نۇرغۇن ئېتىز ھەم يايلاق ۋەيران بولغان

ئالتاي ۋىلايەتلىك مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتىنىڭ كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي زىيانلىرىنى ستاتىستىكا قىلىپ كۆرسىتىشىچە، ئالتاي شەھەر ئىچى ھەم قابا، بۇرچىن قاتارلىق بەش ناھىيىسىنىڭ ئاپەت زەربىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە ئۆرۈلگەن ئۆي، سۇ باسقان تېرىلغۇ جايلار، ۋەيران قىلىنغان ئېتىز ھەمدە يايلاقلارنى ھىساپلىغاندا، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 54 مىليون 240 مىڭ يۇئەنگە يېتىدىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە ئاپەتنىڭ زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولغىنى ئالتاي شەھەر ئىچى بولۇپ، كېلىپ چىققان بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان 19مىليون يۇئەنگە بارغان.

يەرلىكلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ كەلكۈن ئاپىتىدە دېھقان، چارۋىچىلار ھەممىدىن بەك ئېغىر ئەھۋالدا قالغان بولۇپ، ئۇلار تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ ماكانسىز قالغاندىن باشقا، ئەمدىلا ھوسۇل بېرىش ئالدىدا تۇرغان تېرىلغۇ ئېتىزلىرى كەلكۈندە ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ ئېغىر زىيان تارتقان. بەزى جايلاردا 90٪ئېتىزلىق ۋەيران قىلىنغان، جىمىنەيدە يامغۇر قارغا ئايلىنىپ، ئەمدىلا خەمەكلىگەن بارلىق تاۋۇز- قوغۇنلار ئۈششۈپ كەتكەن.

بۇ يىل پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا كەلكۈن ئاپەتلىرى كۆپ كۆرۈلمەكتە

بۇ يىل باھاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدا جۈملىدىن پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا كەلكۈن ئاپەتلىرى ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ كۆرۈلمەكتە. بۇ كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئاساسەن كېلىمات خاراكتېرلىك بولۇپ، ھاۋا تېمپراتوسىنىڭ تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلۈشى ۋە ھۆل يېغىن تەسىرىدىن بولغان.

تەيۋەن مەركىزىي ئاخباراتىنىڭ دۈشەنبە خەۋەر ئېلان قىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ 16 ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون ھەم شەھەرلىرىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ئاپەتلەردە جەمئىي 204ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 79ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مېتېئورولوگىيە دائىرىلىرىدىن ئىگە بولىشىمىزچە، بۇ يازدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرى كۆپ يامغۇرلۇق ھاۋاغا يۈزلىنىدىغان بولۇپ 7 - ئايدىن 8 - ئاي مەزگىلىگىچە يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە كەلكۈن ئاپەتلىرى كۆرۈلىشى مۈمكىن ئىكەن.

نۆۋەتتە ئالتايدا ئاپەتتە قالغان خەلق، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاپەتنى كۆزدىن كەچۈرۈش پائالىيەتلىرىنى كۆپ قېتىم ئېلىپ بارسىمۇ ئەمما، ئاپەتتە قالغان خەلقنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ تېز يۈرۈشمەيۋاتقانلىقىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكتە. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.