10-يانۋار كۈنى قازاقىستان پارلامېنتى پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋ تەرىپىدىن باش مىنىستىرلىققا تەۋسىيە قىلىنغان كەرىم مەسۈموپقا ئاۋاز بېرىپ، ئۇنىڭ قازاقىستان باش مىنىستىرلىق ئورنىنى بېكىتتى شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت يېڭىدىن تەشكىللىنىپ، بىر قىسىم مىنىستىرلار ساقلاپ قېلىندى ۋە ياكى يېڭىدىن تەيىنلىنىش باشلاندى.
گەرچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى رەسمىي تۈردە ئۇنىڭ مىللىي كىملىك جەھەتتىن قازاق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قازاقىستان جامائىتى ئىچىدە مەسۈموپنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا شۇنىڭدەك بىر قىسىم قازاق ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى يازماقتا.
قازاقىستاندىكى سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كەرىم مەسۈموپنىڭ يۈرگۈزىدىغان خىتاي سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىياسىي ئاكتىپلىقىنىڭ تۆۋەنلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.