ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا چارۋا - ماللارغا غەيرى كېسەللىك تارقالدى


2004.10.19

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا ئاساسەن ئىلى رايونىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئىلىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىكى چارۋا ماللاردا غەيرى يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقالغان بولۇپ، گەرچە بۇ غەيرى يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقالغانغا بىر ئايچە بولغان بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەخپى تۇتۇلماقتا ئىكەن،

چارۋېچىلار تەشۋېشلەنمەكتە

yaylak.jpg

ئىلى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى جىددى ۋە مەخپىي ھالدا غەيرى بىر خىل كېسەللىك بىلەن ئۆلۈۋاتقان چارۋا -ماللارنى كۆمۈپ كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىۋاتقان بولۇپ. بۇ ھەقتە رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغان بىر كىشى ئىلىنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا قوي كالىلارغا بىر خىل كېسەللىك تارقاپ كۆپلەپ ئۆلۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ چارۋا ماللاردا تارقالغان بۇ كېسەللىكنى مەتبۇئاتلاردىن، ئاممىدىن مەخپى تۇتىۋاتقانلىقىنى، چارۋىچى ۋە دېھقانلارنىڭ بۇ خىل ئەھۋالدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كىشىلەرنىڭ تەسۋىرلىشىگە قارىغاندا بۇ خىل غەيرى كېسەللىك كۆرۈلگەن چارۋا ماللاردا ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ، تىلى ساڭگىلاپ ئۆلۈپ قالىدىكەن ھەمدە بۇخىل كېسەل، چارۋا ماللارغا تېز سۈرئەتتە ۋە كەڭ دائىرىدە تارقىلىۋاتقان بولۇپ، بەزى چارۋىچىلار مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا، بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندا، مەتبۇئات ئورۇنلىرى ئۇلارغا " بۇ توغرىلىق ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز خەۋەر بېرەلمەيمىز" دىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى مال چارۋېلارغا كېسەللىك تارقالغانلىقىنى يۇشۇرماقتا

مەزكۇر غەيرى كېسەللىكنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان ئامما رادىئومىزدىن بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئەمىلىي ئەھۋال ئىگىلەپ كۆرۈشىمىزنى ئۈتۈنگەندىن كېيىن. بىزئۇلارنىڭ پىكرىگە ئاساسەن ئىلىنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق نىلقىنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانىدىن بىر قانچە چارۋىچى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى :

--- بۇ نىلقىمۇ؟ بۇ يەردە مال چارۋىلاردا كېسەل تارقاپتۇ دەپ ئاڭلىغانتۇق، بۇ كېسەل قاچاندىن باشلاپ تارقالدى؟

--- كالا، قويلارنىڭ ھەممىسىدە بار، بىر ئايدەك بولدى، كېسەل تارقاپ ئۆلۈپ كېتىپ بارىدۇ، ئۆلمىگىنى ئازا قالدى.

--- نىمە كېسەللىكىنى بىلدىڭلارمۇ ؟

--- بىلمىدۇق، ھۆكۈمەت بۇ ئىشنى بەك چىڭ تۇتۇۋاتىدۇ، ھەممە يەردە ئاق كىيىم كىيىۋالغان دېزىنفىكسىيە قىلىدىغانلار دورا چېچىپ يۈرىدۇ.

--- قايسى جايلاردا ئېغىرلىقىنى بىلەمسىز؟

--- ئېنىق بىلمەيمەن، ئاڭلىشىمچە ناھايىتى جىق جايلاردا مۇشۇنداق كېسەل تارقاپتۇ. باشقىنى بىلمىدىم.

يەنە بىر ئۇيغۇر قىز بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى:

مال چارۋىلاردىكى غەيرى كېسەللىكنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقالغانلىقى ئاشكارىلاندى

بىز ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرى بارمۇ يوق ؟ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، چارۋىچى ئاممىنى ئەندىشىگە سالغان بۇ قورقۇنچلۇق كېسەللىكنىڭ پەقەت ئىلى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىلا ئەمەس پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا ئوخشاشلا بارلىقى ئاشكارلاندى :

--- مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى، بىز ئىلىدا چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل تارقاپتۇ، نۇرغۇن ماللار ئۆلۈپتۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدۇق، سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرىڭلار بارمۇ ؟

--- ھە بىلىمىز، نازارەتنىڭ رەھبەرلىرى مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئىلى، چۆچەك، باينغۇلىن، قەشقەرلەرگىچە چۈشۈپ كەتتى.

--- ئۇنداقتا چارۋا ماللاردا تارقالغان بۇ كېسەل پەقەت ئىلىدىلا ئەمەس ھەممە جايلاردا تەڭ تارقاپتۇ-دە؟

--- بىلىشىمىزچە ھەممە جايلاردا بارىكەن.

--- چارۋا ماللارغا تارقالغان كېسەلنىڭ زادى قانداق كېسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلدىڭلارمۇ؟

--- ھازىرچە تېخى ئېنىق ئەمەس.

--- ئۇنداقتا بۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ چارۋا ماللارغا قاچاندىن باشلاپ تارقالغانلىقىنى بىلەمسىز؟

---بۇنى ئانچە بىلمەيدىكەنمەن، ئىشقىلىپ باشلىقلار چۈشۈپ كەتكىلى ئون كۈنچە بولدى.

--- بىلىشىمىزچە ھازىرغىچە ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى بۇ ھەقتە خەۋەر بەرمەپتۇ شۇنداقمۇ؟

--- توغرا شۇنداق، ئەھۋال ئىگىلەيمەن دېسىڭىز باشلىقلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چارۋىچىلىق ئىشخانىسىدىن سورىسىڭىز بولىدۇ.

مەلۇم بولغان ئەھۋاللارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا قوي كالىلارغا بىر خىل نامەلۇم يۇقۇملۇق كېسەللىك كەڭ دائىرىدە تارقىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلماي، ھەمدە خەلقارادىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنى خەۋەردار قىلماي، خۇددى سارس كېسەللىكى ھەمدە قۇش زۇكىمىنىڭ تارقالغانلىقىنى يۇشۇرغاندەك يۇشۇرىۋاتقانلىقى كىشىلەردە تۈرلۈك ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.