ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىشىمىزچە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە قوي ، كالا قاتارلىق چارۋا ماللارغا بىر خىل تېز يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل تارقالماقتا. بۇ خىل كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغان چارۋىلاردا ئاغزىدىن شالۋاق ئېقىش ، تۇياقلىرى سېسىش ، تىلى ساڭگىلاش ،ئېغىر بولغاندا ئۆلۈپ قېلىشقا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىۋاتقان ئىكەن . گەرچە خىتاي دائىرىلىرى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا بىر ئاي بۇرۇن تارقىلىشقا باشلىغان بۇ خىل كېسەللىكنى كونترۇل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ ، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ خاراكتېرى ھەمدە تارقىلىش ئەھۋالىنى ئاممىدىن ۋە ئاخپارات ئورۇنلىرىدىن يۇشۇرۇۋاتقانلىقى ،چارۋېچىلاردا ھەمدە بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان ئاممىدا، ھەر خىل تەشۋېشلەرنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن .
گۇمانلىق كېسەل
بىز گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك سەھىيە تارماقلىرىدىن چارۋا ماللاردا كۆرۈلىۋاتقان كېسەلنىڭ نىمە كېسەل ئىكەنلىكى ھەققىدە جاۋاپ ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلغانلىقى ئۈچۈن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ ئالالمىدۇق.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز تېلېفون ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىرقانچە كىشىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ كېسەل ھەققىدىكى قارىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى چارىلىرى ھەققىدە سورىدۇق.
مۇتەخەسسىسلەر نىمە دەيدۇ
بىز مەزكۈر مەلۇماتلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن ،چارۋېلاردىكى بۇ خىل كېسەلنىڭ زادى قانداق كېسەل بولىشى مۈمكىنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ ئادەملەرگە يۇقۇش ئېھتىماللىقى بار يوقلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلى خەلقىنى توغرا مەلۇماتلاردىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن خەلقارادىكى مۇتەخەسسىسلەردىن بۇ مەسىلە ھەققىدە مەسلىھەت سورىدۇق .
ئامېركا يېزا ئىگىلىك مىنىستېرلىقى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە ، تۇياق ، ئېغىز يۇقۇملۇق ۋېروسى ناملىق بىر خىل كېسەللىك بولۇپ ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى چارۋا ماللاردا تارقىلىۋاتقان ، خىتاي -5نومۇرلۇق كېسەل دەپ ئاتىغان بۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك بىلەن ئوخشاش ئىكەن .
ئالامەت ۋە ئاقىۋەت
يەنى بۇ تۇياق ئېغىز يۇقۇملۇق ۋېروسى ئاساسەن قوي ، كالا، ئۆشكە، بۇغا قاتارلىق تۇياقلىق ھايۋانلارغا يۇقۇدىكەن. ئەڭ ئېنىق بولغان كېسەللىك ئامالەتلىرى ئاساسەن ، ئاغزىدىن شۆلگەي ئېقىش، ھەمدە تۇياقلىرى سېسىش بولۇپ ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، قىززىتمىسى ئۆرلەش، تىلى ساڭگىلاش قاتارلىق بەلگىلىرىمۇ كۆرۈلىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرىشىگە قارىغاندا ، تۇياق ئېغىز يۇقۇملۇق ۋېروسى ، كونتۇرۇل قىلىش ئەڭ قىيىن بولغان، چارۋېچىلار ھەممىدىن بەك قورقىدىغان ، تۇياقلىق چارۋا ماللاردا تۇيۇقسىز كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ ، ھايۋان، ئادەم، قاتناش قوراللىرى ۋە باشقا ئەسلىھەلەر ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە يۇقۇش ئېھتىمالى بولغاچقا ، تارقىلىشى ناھايىتى تېز بولىدىكەن.
ئەگەردە چارۋا ماللار بۇ خىل ۋېروس بىلەن يۇقۇملانسا ، كۆپ ساندا چارۋىلار ئۆلۈپ كېتىدىكەن ،ئۇنىڭ ئىقتىسادى ۋە سەھىيە جەھەتتىن ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ھەممىدىن ئېغىر بولۇپ ، 2001 - يىلى ئەنگىلىيىدە چارۋا ماللارغا بۇ خىل كېسەل تارقاپ 11.6 مىليارد دوللار قىممىتىدە زىيان ئېلىپ كەلگەن.
دۇنيادا 2002 - يىلغىچە 48 دۆلەتلا بۇ خىل ۋېروسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالاللىغان بولۇپ ، ئامېركا قوشما شىتاتلىرىدا 1926 - يىلىدىن بۇيان بۇ خىل كېسەللىك كۆرۈلمىگەن.
نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مال چارۋىلارغا تارىلىۋاتقان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يۇشۇرىشى تۈرلۈك گۇمانلارنى قوزغاۋاتقان بولۇپ ، مۇتەخەسسىسلەر " ئەگەر مەزكۈر كېسەللىك ئۈنۈملۈك قامال قىلىش تەدبىرلىرى بىلەن كونترۇل قىلىنمىغاندا ، ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرىنى مۆلچەرلەش قىيىن" دەپ بىلدۈرمەكتە. (گۈلچېھرە)