"5 - نومۇرلۇق كېسەل" نىڭ " تۇياق- ئېغىز ياللۇغى" ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى


2004.10.22

ئۇيغۇر ئېلىدە بىر ئايدىن بۇيان قوي ۋە كالىغا ئوخشاش قوش تۇياقلىق مال چارۋىلارغا بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقالغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كېسەلنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ، مەخپىي تۇتۇشقا تىرىشىپ كەلدى ۋە ئۇنى 5- نومۇرلۇق كېسەل دەپ ئاتىدى.

بىراق، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ تەسۋىرلەپ بېرىشىدىن بىز بۇ كېسەلنىڭ "تۇياق-ئېغىز ياللۇغى" ئىكەنلىكىنى قىياس قىلدۇق ۋە بۇ ھەقتە خەۋەر بەردۇق. بۇ خىل كېسەلنىڭ تەرەققىياتىنى بىلىش ئۇچۇن تېلېفون بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى بىلەن ئالاقىلاشقىنىمىزدا، 5- نومۇرلۇق كېسەلنىڭ دەل "تۇياق-ئېغىز ياللۇغى" ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ ئاممىنى بۇ خىل كېسەل ھەققىدە تېخىمۇ تولۇق مەلۇماتقا ئىگە قىلىش ئۇچۇن، بىز ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مۇتەخەسسىسى سۇزان خول خانىم زىيارەت قىلدۇق.

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئوز مۇخبىرىمىز گۇلچېھرەدىن ئاڭلاڭ

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.