ھىندىستان ۋە پاكىستان كەشمىردە ئوق چىقارماسلىق كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كېلىشتى


2005.08.09

ھىندىستان بىلەن پاكىستان تەرەپ ۋەكىللىرى 3 كۈنلۈك سۆھبەتتىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنى ئىككى يىلدىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان كەشمىر رايونىدا ئوق چىقارماسلىق كېلىشىمىنى داۋاملىق ئۇزارتىشقا ۋە بۇ رايوندا يېڭىدىن ھەربىي پونكىتلارنى قۇرماسلىققا ۋە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئورناتماسلىققا كېلىشتى.

ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى تەرەپ يەنە، بىر- بىرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا تاجاۋۇز قىلماسلىققا ۋە تەسادىپىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ يەرلىك ئارمىيە قوماندانلىرىنىڭ ئايدا بىر ئۇچرىشىشىغا ماقۇل بولۇشقان.

تۈركىيىدىكى ياۋرو- ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى كەشمىر مەسىلىسىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان گەرچە بۇ رايوندا تىنچلىق ۋەزىيىتىنى ساقلاشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما كەشمىر مەسىلىسى ناھايىتى مۇرەككەپ بىر مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ ئۇنداق ئاسان ھەل بولۇشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.