كەشمىر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر داۋاسى‏ (1)

كەشمىر، ھىندىستان، پاكىستان، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. كەشمىر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تەڭداشسىز تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەن "دۇنيانىڭ جەننىتى" دەپ ئاتالسا، ھىندىستاننىڭ شىمالىغا ۋە ئاسىيانىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقانلىقى يۈزىسىدىن، "ئاسىيانىڭ قەلبى"، دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.02.04
Keshmir-xeritisi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﻪﺷﻤﯩﺮﻧﯩﯔ ﺳﯜﻧﺌﻰ ﻫﻪﻣﺮﺍﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﻰ.
http://en.wikipedia.org ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، كەشمىر، مىلادىنىڭ دەسلەپكى ئەسىرلىرىدىن باشلاپلا ئىزچىل تۈردە تۈركىي قوۋملارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، مىلادىنىڭ دەسلەپكى ئەسىرلىرىدە كۇشان ئىمپېراتورلۇقىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن بولسا، 3 ئەسىردە كۇشان ئىمپېراتورلۇقىنى مەغلۇپ قىلغان ئاق ھۇنلار كەشمىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئۆز ئىلكىگە ئالغان ۋە ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. ئاق ھۇنلار ئىمپېرىيىسى كۆك تۈركلەر بىلەن ساسانىيلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن كەشمىر تاكى 10 ئەسىرگە قەدەر ھىندى ماھاراجىلىرىنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتكەن.

شۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام دىنىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇسۇلمان تۈركلەر ھىندى ماھاراجىلىرىنىڭ ئەسكەر سېپىگە مائاشلىق ئەسكەر سۈپىتىدە سۇقۇنۇپ كىرگەن ۋە مۇسۇلمان تۈرك ئەسكەرلەر ئىچىدىكى شاھ مىرزا ئىسىملىك بىر قوماندان قىسقا مۇددەت ئىچىدە كەشمىردىكى نوپۇزىنى كۈچەيتىپ، 1339 - يىلى رايوندا ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپ چىققان. ئۇنىڭ قۇرغان كەشمىر سۇلتانلىقى تاكى 1589 يىلىغا قەدەر داۋام قىلغان.

كېيىنكى چاغدا بابۇر شاھ رايوننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قولغا چۈشۈرۈپ، كەشمىر سۇلتانلىقىغا خاتىمە بەرگەن. تاكى 17 - ئەسىرگە قەدەر بابۇر خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەۋە بولۇپ كەلگەن كەشمىر 1739 - يىلى، دېھلى ھۆكۈمرانى نادىر شاھ ئافشارنىڭ تالان تاراج قىلىشىغا دۇچ كەلگەندىن كېيىن مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلانغان.

ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ رايون ئافغانىستان پادىشاھى ئەھمەد شاھ ئابدالىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن. 1819 - يىلى، لاھورنى مەركىزى ھۆكۈمەت قىلغان سىخلار كەشمىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، سىخلار 1846 - يىلى، ئەنگىلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن كەشمىر ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1846 - يىلى، 16 مارتتا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى گۇلاب سىنگ ئىسىملىك بىر ھىندى ماھاراجا بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، كەشمىرنى پۈتۈن قانۇنىي ھەق ھوقۇقلىرى بىلەن قوشۇپ، 7.5 مىليون رۇپىيىگە سېتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن نوپۇسىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەركىپ تاپقان كەشمىر 1947 - يىلىغا قەدەر مەزكۇر ماھاراجا خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ كەلگەن .

1947 - يىلى، ئەنگىلىيە ئۆز ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىسىدىن ۋاز كەچتى. ئازادلىق باياننامىسىنىڭ روھى بويىچە ھىندىستان ۋە پاكىستاندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت مەيدانغا كەلدى. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قالغان كەشمىردە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ كەشمىرنىڭ خىتاي تەرەپتە قالغان قىسمىغا ئۇيغۇرلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇردى؟ تارىختا ئۇيغۇرلارمۇ ھۆكۈم سۈرگەن كەشمىر مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تەسىرى نېمە؟ ئۇزۇن يىل پاكىستاندا ئوقۇغان، تەتقىقاتچى ئازادجان بۇغراخان ئەپەندى بۇ بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.