كىچىك ئۇيغۇر قىزى ئارزۇ خەلقئارا كەشپىياتچىلار مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە دەرىجىگە ئېرىشتى


2007.06.11

kanadauyghur-qizi150.jpg
كىچىك ئۇيغۇر كەشپىياتچى ئارزۇ ئابدۇجېلىل، ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. Photos by RFA / Erkin Tarim

دۇنيا كەشپىياتچىلىرىنىڭ 4- نۆۋەتلىك خەلقئارا لايىھە ئولىمپىك مۇسابىقىسى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيىدىكى سامان يولى ۋە ئاتلانتىك مائارىپ تەشكىلاتلىرى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بۇ مۇسابىقىگە 41 دۆلەتتىن 7454 كەشپىيات قاتناشتۇرۇلغان . بۇلارنىڭ ئىچىدە 130 كەشپىيات ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللانغان بولۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللانغان كەشپىياتلار 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ئەنقەرەدىكى مىللىي مائارىپ زالىدا كۆرگەزمە قىلىندى.

مانا بۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قالغانلارنىڭ ئىچىدە بىر ئۇيغۇر قىزىمۇ بار بولۇپ، ئۇ بۇ مۇسابىقىگە كانادا مونتېرىيالدىكى سۆگۈت باشلانغۇچ مەكتىپىگە ۋاكالىتەن قاتناشقان.

kanauyghurarzu-150.jpg
كىچىك ئۇيغۇر كەشپىياتچى ئارزۇ ئابدۇجېلىل، ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. Photos by RFA / Erkin Tarim

بۇ كىچىك ئۇيغۇر كەشپىياتچى قىزنىڭ ئىسمى ئارزۇ ئابدۇجېلىل، ئۇ ئەمدىلا 9 ياشقا كىرگەن. ئۇ ئىسسىق، سوغۇق ۋە ئىلمان سۇ چۈشۈرۈشكە بولىدىغان، مەخسۇس ئاشخانىلاردا ئىشلىتىشكە بولىدىغان جۈمەك كەشىپ قىلغان. مەزكۇر ئۇيغۇر قىزى ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

بۇ مۇسابىقىدە قىرغىزىستانلىق ۋە تاجىكىستانلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىجادىيەتلىرىمۇ يۇقىرى مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بولغان. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.