تۈركىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋاللىرىنى كۆزەتمەكچى

0:00 / 0:00
ersonmes-yarbay1.jpg
مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ئەرسۆنمەز ئەپەندىنى زىيارەت قىلماقتا.RFA

12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئەزاسى، پارلامېنت ئەزاسى ئەرسۆنمەز يارباي ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەرسۆنمەز ئەپەندى ئۆتكەن يىلى تۈركىيە پارلامېنتىدا بىر قارار چىقارغانلىقىنى قاراردا، "تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ تۈركىيەگە كەلگەن ئىنسان ھەقلىرى كۈزەتكۈچىلىرىگە ھېساب بېرىش بىلەنلا مەشغۇل بولماي، دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى كۈزىتىش قارارى ئالغانلىقىنى، بۇ قارارغا ئاساسەن، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىنى كۆزىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئەزاسى، پارلامېنت ئەزاسى ئەرسۆنمەز يارباي ئەپەندى ئېلىپ بارغا سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.