يەر شارىنىڭ كىلىماتىدىكى بىنورمال ئىللىش قانداق بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟


2006.04.26

يەر شارى كېلىماتىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بالدۇر ئىللىش ھالەتلىرىنىڭ كۆرىلىۋاتقانلىقى نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاساسلىق دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.

قىياسلار

يېقىندا دۇنيا تەبىئەت ھەمدە مۇھىت فوندى خەلقئارا جەمئىيەتكە "يەر شارى خاراكتېرلىك ئىللىش خۇددى يەر شارىغا ئورنىتىلغان بومبا" دەپ ئېلان قىلدى. بۇ فوندىنىڭ يەر شارى كىلىماتى ھەققىدىكى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرسى 2026 - يىلىغا بارغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولىشى مۇمكىن ئىكەن.

كىشىلەر بەلكىم بۇ ئىككى سېلسىيە گىرادۇس پۈتۈن دۇنيا ئىقلىمى ھەمدە تەبىئەت مۇھىتى جانلىقلار يەنى يەر شارىدىكى پۈتۈن ھاياتلىق ئۈچۈن قانچىلىك زور پەرقلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى قىياس قىلالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئەگەر يەر شارى تېمپېراتۇرىسى ئىكككى گىرادۇس ئۆرلىگەندە شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 3.2سېلسىيە گرادۇستىن 6.6 سېلسىيە گرادۇسقىچە يۇقىرى ئۆرلەيدىكەن.

ئىنسانلار كەلگۈسى يۈز يىلدا باھار پەسلىنى ھازىرقىدىن تەخمىنەن بىر ئاي بۇرۇن كۈتۈۋالىدىكەن. يەر شارى كىلىماتىدىكى بىنورمال ئىللىشى بىلەن مۇزلۇقلار شىددەت بىلەن ئېرىپ دېڭىز يۈزىنىڭ بارغانچە كۆتۈرۈلۈشى بىلەن قۇرۇقلۇقلارنى بارا - بارا يۇتۇپ كېتىدىكەن. بۇ پۈتۈن يەر شارىنىڭ نورمال كىلىماتىغا جىددى تەسىر كۆرسىتىپ ئىنسانلار توسۇشقا قۇربى يەتمەيدىغان قورقۇنۇچلۇق تەبىي ئاپەتلەر كېلىپ چىقىدىكەن ھەمدە بۇنىڭ بىلەن يۈز بېرىدىغان جانلىقلارنىڭ قىرىلىش ئاپەتلىرىنى قىياس قىلىش تەس ئىكەن.

يەر شارى خاراكتېرلىك ئىللىشنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقاردى؟

ئۇنداقتا يەر شارى خاراكتېرلىك ئىللىشنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقاردى؟ نۆۋەتتە يەر شارى كىلىماتىنى تەقىق قىلىۋاتقان كۆپ ساندىكى مۇتەخەسسىسلەر بىردەك "يەر شارى خاراكتېرلىك ئىللىش ئىنسانلار سانائەتلەشكەن جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن باشلاندى، يەر يۈزىدىن ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىۋاتقان كاربون تۆت ئوكسىدى مىقدارىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى سەۋەبىدىن يەر شارى خاراكتېرلىك ھاۋا ئىللىش كېلىپ چىقماقتا" دېگەن يەكۈنگە كەلدى.مۇتەخەسسىسلەر دەيدۇكى نۆۋەتتە ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىۋاتقان كاربون تۆت ئوكسىدى مىقدارى 19 ئەسىرنىڭ ئالدىدىكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. شۇڭا ئۇلار پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جىددى تەدبىر ئېلىپ ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان كاربون تۆت ئوكسىدى مىقدارىنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىشقا چاقىرماقتا.

يەر شارىنىڭ بىنورمال ئىللىشى قانداق بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

خەلقئارا تەبىئەت ۋە مۇھىت فوندىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىنىشىچە، يەر شارى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى كۆتىرىلىشىنىڭ مۇزلۇقلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەممىدىن زور بولۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە تەخمىنەن3مىليارت ئىنساننىڭ ئۆي زېمىننى سۇ ئاستىدا قالىدىكەن.دېڭىز ئوكيان سۇلىرى يەر ئاستى تاتلىق سۇلىرىغا سىڭىپ ئىنسانلار ئىشلىتەلەيدىغان سۇ مەنبەسى شىددەتلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىكەن. بۇنىڭ بىلەن زەنجىرسىمان ئاپەتلەر كېلىپ چىقىدۇ ئەلۋەتتە.

ھاۋانىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ھەمدە بالدۇر ئىللىشى بىلەن ھەر خىل كېسەللىك مكروبلىرىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى تېزلەپ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر يامرايدىكەن. پاشا چىۋىنگە ئوخشاش زىيانداشلارنىڭ كۆپىيىشىمۇ تەبىئەت ھەمدە ئىنسانلارغا تۈرلۈك ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن.

ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى بولىشى يەنە ئالدى بىلەن دېڭىز قۇرۇقلۇقتىكى كۆللەرنى پارغا ئايلاندۇرۇپ، يەر يۈزىدىكى تەبىي يايلاقلارنى كۆيدۈرۈپ يايلاقنىڭ چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئېكولوگىيىگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز چوڭ بۇزۇلۇشقا يۈزلىنىدىكەن.

نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا كۆرۈلۈۋاتقان بىنورمال ئىقلىم ئۆزگىرىشلىرى ھەمدە تەبىي ئاپەتلەر بۇنىڭ ئالدىنقى بەلگىلىرى ئىكەن.

ئىنسانلار بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟

دۇنيا تەبىئەت، مۇھىت فوندى دۇنياغا " ئىنسانلار كېلىماتنىڭ ئېلىپ كېلىۋاتقان تەسىرلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دەس تۇرۇشى كېرەك،مۇھىمى ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەنمەسلىك لازىم، ئىشىنىمىزكى ئىنسانلار ئورتاق ھەركەت قىلىپ كەلگۈسى كېلىپ چىقىدىغان ئاپەتلەرنى ئەڭ تۆۋەنكى دەرىجىگە چۈشۈرەلەيدۇ. مەسىلەن بۇنىڭ ئۈچۈن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ ئورنىغا سۇ، شامال ۋە ياكى تەبىي گازلىق ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇشقا ئوخشاش ئۇسۇللار ئارقىلىق كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ." دەپ چاقىرىق قىلماقتا.(گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.