خىتاي يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا
2006.12.28
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاۋا كىلىماتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئاپەتنىڭ باشقا ئاپەتلەرگە قارىغاندا، خىتاي ئىقتىسادىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى تېخىمۇ زور ئىكەن. يېقىندا، خىتاي ھاۋارايى ئىدارىسى ۋە خىتاي پەن -تېخنىكا مىنىستىرلىكى بىرلىكتە ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ۋە شۇنداقلا بىرلىكتە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا، يەرشارى ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى خىتايدىكى تەبىئىي ئاپەت ۋە سۇ مەنبەسىنىڭ كەمچىللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ھالەتتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھاۋارايى ئىدارىسى ۋە خىتاي پەن -تېخنىكا مىنىستىرلىكى بىرلىكتە ئېلان قىلغان يەر شارى ھاۋا كىلىماتى ھەققىدىكى بۇ دوكلاتتا يەنە، ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى خىتاينىڭ غەربىي رايونىدىكى سۇ مەنبئەسىگىمۇ زور تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى، شۇنداقلا مەزكۇر رايوندا بۇندىن كېيىن ئاپەت خاراكتېرلىق ھاۋا كىلىماتىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقى، مۇزتاغلارنىڭ ئازىيىشى بىلەن دەريا -ئېقىن سۇلىرىنىڭ تېخىمۇ ئازىيىپ كېتىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
كىلىماتنىڭ ئىسسىشى خىتايدا تەبىئىي ئاپەت ۋە سۇ مەنبەسىنىڭ كەمچىللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا مۇھىتنى قوغداش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى جېنى خانىم يەر شارى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ھەقىقەتەن خىتايدىكى تەبىئىي ئاپەت ۋە سۇ مەنبەسىنىڭ كەمچىللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
"يەر شارى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ھازىردىن باشلاپ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا پەرەز قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا. خىتاينىڭ دەريا ئېقىنلىرىنىڭ سۇ ئاساسەن مۇز تاغلاردىن كېلىدۇ. لېكىن ھازىر خىتايدىكى مۇز تاغلار بارغانسېرى ئازىيىپ، خىتاينىڭ سۇ مەنبەسىمۇ ئىنتايىن كەمچىل ھالەتتە قالغان. بۇنداق بولۇشى خىتايدىكى يەر ئاستى سۇنى قالايمىقان ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ كەتكەنلىكىدىن".
ھاۋا كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى خىتايدىكى ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىش ئىشلىرىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ
خىتاي دۆلەت مۇھىتنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇۋ شىڭشيەن يېقىندا خىتايدىكى سۇ مەنبەسىنىڭ ئىنتايىن كەمچىل بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، "خىتايدا ھازىر ئاز دېگەندە 300 مىليون يېزا خەلقى بۇلغانغان سۇنى ئىستىمال قىلىۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈردى.
خىتاي ھاۋارايى ئىدارىسى ۋە خىتاي پەن -تېخنىكا مىنىستىرلىكى بىرلىكتە ئېلان قىلغان دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، ھاۋا كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى خىتايدىكى ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىش ئىشلىرىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. خىتاي ھاۋارايى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى لۇ يۇڭ "خىتاي ھازىر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا زور خەتەرگە دۇچ كەلمەكتە. چۈنكى ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشى خىتايدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا ئەڭ بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە بولغان بىر ئارتۇقچە بېسىم بولۇپ قالدى" دەپ بىلدۈردى.
خىتاي پەن -تېخنىكا ۋاقىت گېزىتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھاۋا كەلىماتىنىڭ ئىسسىشى تۈپەيلىدىن، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان دېھقانچىلىق مەھسۇلات تۈرلىرىدىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولىدىكەن. ھازىرنىڭ ئۆزىدە، يەنى تېرىلغۇ قانۇنىيىتى ۋە مەھسۇلات تۈرى ئۆزگەرمىگەن شارائىتتا، ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئۆزى ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىش نىسبىتىنى 10%ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى ھاۋا ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، بۇندىن كېيىن يەر شارى ھاۋا كىلىماتنىڭ ئىسسىپ كېتىشى بىلەن، بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خىتايدىكى مۇھىت ۋە بۇلغانغان سۇ مەسىلىسى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىدا، "گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھىتنى ئاسراش مەسىلىسىدە جىددىي چارە تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، خىتايدىكى مۇھىتنى قوغداش ئەمەلدارلىرى بۇلغىنىش مەسىلىسى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتلىرىدا داۋاملىق ساختىلىق ۋە كۆز بويامچىلىق قىلماقتا" دەپ بىلدۈرۈلگەن. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەخلەتخانىغا ئايلانغان
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇلغانغان سۇ مەسىلىسى ھەققىدە يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
- ساياھەتچىلەر تەڭرىتېغىنىڭ مۇز چوققىلىرىنىمۇ ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرماقتا
- قاشتېشى يۇرتىدا بۇنىڭدىن كېيىن قاشتېشى تېپىلارمۇ؟
- خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت مەسىلىسى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھىتنى قوغداش ھەققىدە مەخسۇس ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى
- يەر شارىنىڭ كىلىماتىدىكى بىنورمال ئىللىش قانداق بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟