كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانى مارتىن لۇتېر كىڭنىڭ ئارزۇيىنى ئوپراھ خانىم ئەمەلگە ئاشۇرماقتا

0:00 / 0:00
king.jpg
Martin Luther King, Jr. image courtesy: Wikipedia

بۈگۈن 2007 ‏- يىل 1 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى، ئامېرىكىدا دۆلەت بېكىتگەن بىر كۈنلۈك بايرام - مارتىن لۇتېركىڭنى خاتىرىلەش كۈنى. بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە، ئەتىگەن سائەت 9 دىن باشلاپ كەچ سائەت 3 كىچە مارتىن لۇتېر كىڭنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ھەرخىل شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى. خوۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالى مەكتەپلەردە لېكسىيە ئوقۇلۇپ، نۇتۇق سۈزلەندى. بەزى مەھەللىلەردە ئاھالىلەر ئۆزلىرى پارات ياكى چوڭ مارش ئويۇشتۇرۇپ كۇچىلارغا چىقتى. بەزى مەمۇرىي ئورگانلار مارتىن لۇتېركىڭنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەتىگەنلىك چاي ياكى چۈشلۈك چاي بەردى. سىگنا، شېيىل نېفت شىركەتلىرى ۋە ۋېرايزېن فوند جەمئىيىتى ۋاشىنگتون چىمەنزارلىقىدا بىنا قىلىنىۋاتقان مارتىن لۇتېر كىڭ خاتىرە مۇنارى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەر بىرى 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تەقدىم قىلدى. بۇنداق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئامېرىكىنىڭ ھەممە شىتاتلىرىدا داۋاملاشتى. يەنە بىر يېڭىلىق شۇكى، بۇيىلقى مارتىن لۇتېر كىڭنى خاتىرىلەش بايرىمىدا، ئۇنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرغان كىشىلەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

مارتىن لۇتېر كىڭنىڭ مەشھۇر سۆزى: مىنىڭ شۇنداق بىر ئارزۇيىم بار، ...

مارتىن لۇتېر كىڭ 1929 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 29 ‏- كۈنى ئامېرىكىنىڭ جورجىيا شىتاتىدىكى بىر دىندار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1948 ‏- يىلىدىن 51‏- يىلىغىچە جورجىيا، پەنسېلۋېنىيا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا نەزەرىيە تەتقىقاتى بۇيىچە باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى، 1955 ‏- يىلى بوستۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇ 1955 ‏- يىلى 12 ‏- ئايدا، كوچا ئاپتوبوسىدا ئاق تەنلىكلەرگە ئورۇن بوشۇتۇپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ۋەقە چىقىپ قولغا ئېلىنغان بىر قارا تەنلىك ئايال ئۈچۈن نارازىلىق بىلدۈرىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئويۇشتۇرۇپ نەتىجە قازانغانلىقى ئۈچۈن 'قارا تەنلىكلەر رەھبىرى' دەپ نام ئالغان. 1964 ‏- يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالغان. 1968 ‏- يىلى تەننسى شىتاتىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا خائىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 1963 ‏- يىلى 8 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە، نامايىشچىلار قوشۇنى لىنكولن خاتىرە مۇنارى ئالدىغا كەلگەندە، مارتىن لۇتېر كىڭنىڭ 250 مىڭ نامايىشچى ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتقى، ھازىرغا قەدەر تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا 'ھەر بىر ئادەم تۇغۇلغاندا تەڭ-باراۋەر ئىدى، بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت ئالدىدا، مىنىڭ ھازىر شۇنداق بىر ئارزۇيىم بار، جورجىيا دۆڭلۈكلىرىدىكى مەھەللىلەردە، بۇرۇنقى قۇللارنىڭ بالىلىرى قۇلدارلارنىڭ بالىلىرى بىلەن ئوخشاش ئورۇندۇقتا ئولتۇرالايدىغان، قارا تەنلىكلەرنىڭ بالىلىرى ئاق تەنلىكلەرنىڭ بالىلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىللە ئويناپ، بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغان، خۇددى ئۇرۇق-تۇققانلاردەك مۇناسىۋەت ئورناتقان جەمئىيەت قۇرۇلسا، مىنىڭ 4 بالاممۇ بەدىنىنىڭ رەڭگى قانداق بولۇشى ئەمەس، بەلكى ئەخلاقىنىڭ قانداقلىقى ئۆلچەم قىلىندىغان دۆلەتتە ياشىسا دەيمەن. شۇنداق بىر كەلگۈسىنى چۈشۈمدە كۆرىمەن' ... دېگەن ئىدى.

ئامېرىكىا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مارتىن لۇتېر كىڭنى خاتىرىلەيدىغان بايرام

1986 ‏- يىلى 1 ‏- ئايدا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى رىگان ئەپەندى بىر قانۇن ئىمزالاپ، ھەريىلى 1 ‏- ئاينىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنىنى مارتىن لۇتېر كىڭنى خاتىرىلەش بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدا ھەريىلى مۇشۇ كۈندە قارا تەنلىك ئامېرىكىلقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانى مارتىن لۇتېر كىڭ ئەپەندى خاتىرىلىنىدۇ. ھازىر ۋاشىنگتون چىمەنزارلىقىدا، مارتىن لۇتېر كىڭنىڭ خاتىرە مۇنارىسى تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىگە ئوخشاش ئۆلچەمدە بىنا قىلىنىۋاتىدۇ.

ئوپراھ ۋىنفرېي خانىم مەبلەغ بەرگەن قىزلار ئاكادىمىيىسى ئافرىقىدا قەد كۆتۈردى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ جوھننېسبۇرگ شەھرىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تېلىۋىزىيە ئىكرانىدا ئەركىن مۇنازىرە ئويۇشتۇرۇپ داڭ چىقارغان ئوپراھ ۋىنفىرەي خانىم ئافرىقىدا، ئۆزى مەبلەغ بەرگەن قىزلار ئاكادىمىيىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 1 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى لىنتا كەستى. ئوپراھ خانىم بۇنىڭدىن 6 يىل بۇرۇن، ئافرىقىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى نىلسون مەندېلا ئەپەندىگە ئالدى بىلەن 150 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇش، ياتاق، يېيىم -كېچەك قاتارلىق پۈتۈن راسخوت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مىنىڭ مەقسىتىم، ‏-‏- دەيدۇ ئوپراھ خانىم، - ئەسلىدە كەلگۈسى پارلاق يارالغان قىزلارنى ھازىر نامراتلىقنىڭ زاۋاللىقىدا قالدۇرماسلىقتىن ئىبارەت.

ئوپراھ خانىمنىڭ قىزلار ئاكادېمىيىىسگە ھازىر 152 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ بولدى

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قىزلار ئاكادېمىيىسىگە قوبۇل قىلىنغان 152 نەپەر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپۈنچىسى ئافرىقىدىكى 48 مىليون نوپۇسنىڭ 5.4% نى تەشكىل قىلىدىغان ئەيدىز ۋىروسى بىلەن ياللۇغلانغان ئائىلىدە بولغانلىقى ئۈچۈنلا جەمئىيەتتىكى مەنپەئەتلەردىن مەھرۇم قالغان قىزلارنىڭ بىر قىسمى، - دەيدۇ ئوپراھ خانىم ، - بۇنداق قىزلارنىڭ كەلگۈسىنى پارلاق قىلىش لازىم. ھازىر مەن قىلىۋاتقان بۇ ئىش مىنىڭ ھاياتىمدىكى بىر چوڭ قەدەم، ‏-‏- دەيدۇ ئوپراھ خانىم ، - مەنمۇ خۇددى مۇشۇ قىزلارغا ئوخشاش، چوڭ ئانامنىڭ نامرات ئۆيىدە، ئېلېكتىر يۇرۇقى يوق، ئىچىدىغان سۇمۇ كەم تۇرمۇش شارائىتىدا چوڭ بولغان. مەن ھازىر بۇ قىزلار ئاكادىمىيىسىنى دۇنيادىكى ئەڭ سۈپەتلىك مەكتەپلەر قاتارىدا تۇرىدىغان مەكتەپ قىلماقچىمەن.

دۇنيادىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرى ھازىر ئوپراھ ۋىنفرەي خانىمنى تەرىپلىمەكتە

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوپراھ ۋىنفرەي خانىم 3500 پارچە ئىلتىماس تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھازىرچە يېشى 11 ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان 152 نەپەر قىز بالىنى مەكتەپكە قوبۇل قىلغان. مەن بۇ قىزلارنى قىزغىن سۆيىمەن، ئۇلار ھازىر مىنىڭ ۋۇجۇدۇمنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى، - دەيدۇ ئوپراھ خانىم، - ئەڭ ياخشى دەرسخانىسى، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى، تەجرىبىخانىسى، ياتاقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 بىناسى بار ، ھەممە تەمىناتى تەل بولغان بۇ مەكتەپتە مۇشۇلا ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى قايسى ئېرق، قايسى مىللەتتىن بولسۇن، مۇشۇ مەكتەپتە مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشقا شەرتى توشىدىغانلىكى، يەنى يىللىق كىرىمى 787 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن ئائىلىدە بولغانلىقى ئۈچۈنلا جەمئىيەتتىكى مەنپەئەتلەردىن مەھرۇم قالغان ئۆسمۈرلەردىن 450 نەپەر قىز ئوقۇيدۇ. دۇنيادىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرى ھازىر ئوپراھ ۋىنفرەي خانىمنى مارتىن لۇتېر كىڭنىڭ ئارزۇ -ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىدۇ، دەپ تەرىپلىمەكتە. (ۋەلى)