5-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كىنو بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
2007.10.08
10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 5-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كىنو بايرىمى گېرمانىيىنىڭ نۈرنبەرگ شەھرىدە باشلانغان. بۇ پائالىيەت 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگە قەدەر داۋام قىلىدىكەن. بۇ كىنو بايرىمى جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدە ئىشلەنگەن ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىنى ئاساسى تېما قىلغان يۈزگە يېقىن كىنو فىلىمى يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىگە تەقدىم قىلىنىپ، ياخشى باھاغا ئېرىشكەن فىلىملەر تەقدىرلىنىدىكەن.
خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرىلىدىغان فىلىملەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە باستۇرۇلۇشلارغا ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇستەبىت تۈزۈلمىلىرىنى پاش قىلىشتا ھۆججەت خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىكەن. بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارغا ئائىت فىلىملەرمۇ قاتناشتۇرۇلغان.
10-ئاينىڭ 3-كۈنى، نۈرنبەرگ خەلقئرا ئىنسان ھەقلىرى كىنو بايرىمىنىڭ مۇدىرى ئاندرەئا كۇھن خانىمنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى ۋە قۇرۇلتاي باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر بۇ كىنو بايرىمىغا قاتناشقان.
پائالىيەت جەريانىدا، ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىككى فىلىم يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلغان. بىرى، گېرمانىيىنىڭ "سات 3" تېلېۋىزىيە قانىلى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا مۇناسىۋەت فىلىم بولغان بولسا، يەنە بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دارۋازچىلىق سەنئىتىگە ئائىت 60 مىنۇتلۇق بىر فىلىم بولغان. بۇ فىلىملەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچراش ئەھۋاللىرىدىن مەلۇماتلار بېرىلگەن. (ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى
- خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە
- ئەركىنلىك سارىيى: خىتايدا مۇستەبىتلىك تۈزۈمى دېموكراتىيە تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 62 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى باشلاندى
- د ئۇ ق رەھبەرلىرى ب د ت يىغىنىغا قاتناشتى ۋە جەنۋەدە نامايىش ئېلىپ باردى
- نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇرلار نوبىل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەسىلىسى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى
- ئاۋسترالىيىدە كۆپ تەشكىلات بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن نامايىشلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلدى
- ھۈسەيىن جېلىل 18 ئايدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئانىسى بىلەن كۆرۈشتى
- مېركېل خانىم خىتاينى ئاخبارات ۋە سۆز-پىكىر ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىشكە قىستىدى
- ۋەتەن زىيارىتىدىن كېيىنكى ئاچچىق ھىسلار (2)