ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى بەكمۇ ئارقىدا قالماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستېرى يى چىنجې مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا 2005 " ‏- يىلى دىھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى 3255 يۈئەن گە يەتتى " دەپ بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ شەھەر خەلقىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ پەقەت 31% نى ئىگىلىگەن يەنى شەھەردىكىلەرنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 3 تىن بىرىگىمۇ تەڭ كەلمىگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىھقانلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يەنىلا ئارقىدا بولۇپ، يىللىق كىرىمى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى دېھقانلارنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن ئىكەن ھەتتا ھاللىق سەۋىيىگە يەتتى دىگەن دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمىمۇ ئوتتۇرا ھېسابتىكى يىللىق كىرىمدىن خېلىلا تۆۋەن بولغان.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.