تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى يەرلىك دېھقانلارنىڭ باي بولالماسلىق سەۋەبى نېمە؟
2006.02.06

تارىم دەرياسى يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى ناھايىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، تارىم دەرياسى ئەتراپىدا قالايمىقان يەر ئېچىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە بولۇپ كەتكەنلىكى، دەريانىڭ باش ھەم غول ئېقىنلىرىنى ئىگىلىۋالغان بىڭتۇەنلەرنىڭ سۇنى ھەددى ھېسابسىز ئىشلىتىپ تۆۋەنگە سۇ يېتىشمەسلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر بۇنىڭغا سەۋەبچى بولماقتا.
تارىم دەرياسى ئۆز باغرىدا يەتتە مىليوندىن كۆپرەك خەلقنى بېقىپ كەلگەن، ئەمما يەر ئېچىش بورىنى بىلەن كەلگەن يەنە قانچىلىك كۆپ نوپۇسنىڭ بۇ ئانا دەريانىڭ شەربىتىدىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقى نامەلۇم.
بىڭتۇەن: بىز سۇغا بەكرەك ئېھتىياجلىق
بىز سۇ بېشىنى ئىگىلىگەن خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى 1 - دېۋىزىيىسىنىڭ پولكلىرىدىن 6 - پولكنىڭ سۇ كادىرىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ دېۋىزىيىلەرنىڭ ھەقىقەتەن سۇنى مونوپول قىلىۋالغانلىقىنى ئېتراپ قىلىپ "بىز سۇغا بەكرەك ئېھتىياجلىق چۈنكى بىز سۇغا كۆپرەك تايىنىدىغان ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىيمىز. ھازىر سۇ مەسىلىسىدە يەرلىك بىلەن مەنپەئەت جەھەتتە شۇنداق توقۇنۇش بار. ئەگەر بىز سۇنى توسىمىساق بىزگە سۇ يەتمەيدۇ، سۇنى كۆپ ئىشلەتسەك يەرلىككە سۇ يوق بولۇۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى مەنمۇ بىلمەيمەن، بەلكىم ھۆكۈمەت سىياسەتتە تەڭشەپ ھەل قىلسا بولامدىكىن" دېگەن ئىدى.
يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلار "نەدە سۇ بولسا شۇ يەردە بىڭتۇەن بار، ئەلۋەتتە سۇ بار يەردە پۇل بار ئەمەسمۇ "دېيىشىدىكەن. مەلۇم بولغاندەك خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى پولكلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چوڭ دەريا ئېقىملىرىنىڭ سۇ بېشى، كۆللەرنىڭ ئەتراپىغا ئوخشاش سۇ ئەلۋەك جايلارنى ئاساس قىلىپ ئورۇنلاشقان. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن دىۋىزىيە دېھقانلىرى بىلەن يەرلىك دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمىدىمۇ زور پەرقلەر بار ئىكەن.
كىرىم پەرقىنىڭ سەۋەبلىرى
ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى دىۋىزىيە دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ 11 مىڭ يۈئەندىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ 6 - پولكنىڭ سۇ كادىرىنىڭ ئىپادىلىشىچە، دېۋىزىيىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئون بەش مىڭ يۈئەنگە بارىدىكەن.
ئۇنداقتا سۇغا زار بولىۋاتقان يەرلىك دېھقانلارنىڭ ئەھۋالىچۇ ؟ تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلىرى ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىقىغا، كىرىمىگە تەسىر كۆرسەتتىمۇ ؟ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ دېۋىزىيە دېھقانلىرى بىلەن بولغان كىرىم پەرقى قانچىلىك ؟
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئۆز يېزىسىنىڭ بىڭتۇەندىن 250 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارىدا دەريادا 23 يەردە توساق بارلىقىنى، سۇنىڭ شۇ توساقلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۆز يېزىسىغا كېلىدىغانلىقىنى، بۇ توساقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئىكەنلىكىنى، يەرلىك دېھقانلارنىڭ بۇنىڭغا ئىلاجىسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە يەرلىك دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، بىڭتۇەننىڭ دېھقانچىلىقنى زامانىۋى ماشىنىلار ئارقىلىق قىلىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى كۆپلەپ قوللايدىغانلىقىنى، سۇنىڭ ھەم ئالدى بىلەن شۇلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ يەرلىك خەلق بىلەن بىڭتۇەن ئوتتۇرىسىدىكى كىرىم پەرقىنىڭ زور بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟(2)
- تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟(1)
- خىتاينىڭ ئىسلاھاتى ئۇيغۇرلارنى نامراتلاشتۇرماقتا
- ئۇيغۇر ئېلى خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى خىتاي بويىچە ئەڭ تۆۋەن
- ئۇيغۇر ئېلىدە مىليونلىغان نامرات ئامما جىددىي ياردەمگە مۇھتاج
- خىتايدا "نامراتلار" دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا "ئاق كۆڭۈل ئادەملەر" دەپ قوللىنىش ئومۇملاشماقتا
- خىتاينىڭ يېڭى باج سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى باي قىلامدۇ؟