باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بارغانسېرى چوڭايماقتا
2006.08.02
يېقىندا خىتاي ياشلار گېزىتى خىتايدىكى باي ۋە كەمبەغەللەر مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، يېقىندا خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ تەكشۈرۈشتە، 98% تىن ئارتۇق كىشى خىتايدىكى باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ ھەقىقەتەن چوڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېتراپ قىلغان ھەمدە 85% كىشى ئۆزلىرىنىڭ باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ بۇنداق ھالەتكە يېتىشىدىن ئىنتايىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلالمىغىدەك ھالەتكە يەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
خىتاي سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفەسسورى ياڭ فەن ئەپەندى "ھازىر خىتايدىكى باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەب، كىرىم تەقسىماتىنىڭ ياخشى تەڭشەلمىگەنلىكىدىن، ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەرنىڭ دېگەندەك تەرەققىي قىلالمايۋاتقانلىقىدىن " دەپ بىلدۈردى.
خىتايدىكى باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ بۇنداق دەرىجىدە چوڭىيىپ كېتىشىنى پەقەت شەھەر، ياكى شەھەر ۋە يېزا ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەردىنلا ئەمەس، بەلكى يېزا ۋە يېزا ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەردىنمۇ بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن بۇ يىل 5 - ئايدا خىتايدىكى 20 دىن ئارتۇق يېزا -كەنتلەردە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، 2005 - يىلى كىشى بېشى يىللىق كىرىمى ئەڭ كۆپ بولغان يېزا جاڭ سۇ ئۆلكىسىنىڭ خۇئا شى كەنتى بولۇپ، مەزكۇر كەتتىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى ئورتا ھېسابتا 19 مىڭ يۈئەنگە يەتكەن. لېكىن يىللىق كىرىمى ئەڭ تۆۋەن بولغان سەنشى ئۆلكىسىنىڭ نەن نىۋەن كەنتىدە دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى 1500 يۈئەن ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ ئىككى كەنت ئوتتۇرىسىدىكى كىرىم پەرقى 12 ھەسسىگە يەتكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى تېخىمۇ تۆۋەن بولماقتا. مەسىلەن رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە كېلىۋاتقان تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى يېزىلاردا ھاشار ئەمگىكى تا ھازىرغىچە داۋاملاشقان بولۇپ، دېھقانلار يىل ئاخىرىغا بارغاندا، نەچچە مىڭ يۈئەنلەپ قەرز بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال ناھايىتى كۆپ كۈرىلىدىكەن.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباندىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى بەكمۇ ئارقىدا قالماقتا
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بارغانسېرى چوڭايماقتا
- تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى يەرلىك دېھقانلارنىڭ باي بولالماسلىق سەۋەبى نېمە؟
- ئۇيغۇر ئېلى خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى خىتاي بويىچە ئەڭ تۆۋەن
- خىتايدا "نامراتلار" دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا "ئاق كۆڭۈل ئادەملەر" دەپ قوللىنىش ئومۇملاشماقتا
- خىتاينىڭ يېڭى باج سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى باي قىلامدۇ؟
- ئاسىيا-تىنچ ئوكيان شەھەر باشلىقلىرى ئالىي يىغىنى چوڭچىڭدا ئېچىلدى
- خىتايدا خەلق، ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە ساھەسىدىكى ئىسلاھاتىدىن نارازى بولماقتا