ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان 'مالىيە ۋاقىت گېزىتى' نىڭ خىتايدىكى بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى ھەققىدىكى ماقالىسىدە، دۇنيا بانكىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى نەقىل كەلتۈرگەن. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا 2001 - يىلىدىن 2003 - يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، پۈتۈن نوپۇسىنىڭ 10%نى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ نامرات پۇقرانىڭ كىرىمى 4%.2 تۆۋەنلىگەن، ئەمما خىتاي نوپۇسىنىڭ 10%نى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ باي پۇقرانىڭ كىرىمى 16% كۆپەيگەن. دېمەك، خىتايدا بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى يېقىنقى يىللاردا بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ چۇڭلاپ كەتكەن. ھازىر ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بۇ ھەقتە، بولۇپمۇ بۇنداق پەرقنى تۈگىتىشنىڭ چارىسى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا.
سىياسەتتىكى ئادالەتسىزلىك ۋە ھوقۇق تەقسىماتىدىكى ئادالەتسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقاردى
ھازىر ئامېرىكىنىڭ كانەكتىكەت شتاتىدىكى ئىقتىسادشۇناس ۋېن گۇەنجۇڭ ئەپەندىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا بايان قىلىشىچە، دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتنىڭ ئۆزى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت. بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى بۇنداق چوڭ بولۇپ كېتىشى -- خىتايدا 'ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋىتىش' باشلانغاندا ئەمەلدارلار، ھەربىي قوماندانلار، يۇقىرىي دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ بالا-چاقىلىرى 'بىر قىسىم كىشىلەر ئالدى بىلەن باي بولۇش' دېگەن سىياسەتتىن پايدىلىنىپ، دەرھال تىجارەت قىلىشقا كىرىشىپ، سانى كۆپ بولمىغان بۇ كىشىلەر جەمئىيەتتىكى ئەڭ كۆپ بايلىق مەنبەلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، تىز ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى كۆپ بايلىق توپلىۋالدى. بۇنداق ئاز سانلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئالدى بىلەن باي بولۇشىنى سىياسەتتىكى ئادالەتسىزلىك، ھوقۇق تەقسىماتىدىكى ئادالەتسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ھۆكۈمەت خەلقنىڭ يەر-زېمىنگە بولغان ھوقۇقىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك
خىتايدىكى مۇستەقىل ئىقتىسادشۇناس گۇڭ شېڭلى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر ھۆكۈمەت بىر تەرەپتىن سانائەتلىشىش ۋە شەھەرلىشىشنى تىز سۈرئەت بىلەن يولغا قويۇۋاتىدۇ، شاللاپ چىقىرىلغان دېھقانلار جان بېقىش ئۈچۈن شەھەرلەرگە ئېقىۋاتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھۆكۈمەت ھازىر بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى تەڭشەش ئۈچۈن، كېلەر يىلى 1 - ئاينڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ كىرىمى 120 مىڭ يۇەندىن ئاشىدىغان شەخسىيلەردىن خۇسۇسى كىرىم بېجى ئېلىشنى يولغا قويماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەسىلىنىڭ مەنبەسى خەلقنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى بار ياكى يوقلۇقىدا. خەلقنىڭ ئەڭ چوڭ مۈلكى يەر-زېمىن. چەتئەللەردە بۇنداق مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس، ئەمما خىتايدا تارىختىن بۇيان زېمىن ۋە بايلىق ھوقىغا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان خەلق 50 نەچچە يىلدىن بۇيان مۈلۈك ھوقۇقىدىن، يەنى ئەڭ چوڭ بايلىقتىن مەھرۇم قالدى. ھازىر يەر-زېمىن تېخىچە ھۆكۈمەتنىڭ. گەرچە ھازىر شەخسىيلەر تاپقان پۇلىنىڭ ھەممسىنى سەرپ قىلپ ئۆي-زېمىن ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇنى 50 يىلدىن كېيىن يەنە قايتۇرۇپ ئالالايدۇ.
بۇ ئىككى مۇتەخەسسىسنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ھەققىدىكى ئورتاق كۆز قارىشى --- ھۆكۈمەت خەلقنىڭ يەر-زېمىنگە بولغان ھوقۇقىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
خىتايدا نامراتلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېگرىسى 650 يۇەن دەپ بىكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن تۆۋەن
'سۇخۇ تور بېتى'دە داۋاملىشىۋاتقان بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى ھەققىدىكى ئوبزورلاردا بايان قىلىنىشىچە، تەڭ تەقسىماتچىلىق تۈزۈمىدە كېلىۋاتقان خىتاي نوپۇسىنىڭ 20%ى يېقىنقى 20 نەچچە يىل ئىچىدە بايلىققا، يەنە 20% ى نامراتلىققا قاراپ تىز ئىلگىرىلىمەكتە. ئامېرىكىنىڭ ماساچۇسېتس شتاتىدىكى سانائەت -تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش پاكولتېتىدىكى خۇاڭ ياسېڭنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر داۋام قىلىۋاتقان بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتتىنمۇ ناچار ئىكەن. گەرچە خىتايدا نامراتلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېگرىسىنى 650 يۇەن يەنى 83 ئامېرىكا دوللىرى، دەپ بىكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن.
بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى ھۆكۈمەت پەيدا قىلدى
211.94.100 دېگەن ئىنتېرنېت ئادرىسىدىن يوللانغان ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى ھۆكۈمەت پەيدا قىلدى. ھازىر ئەمەلدارلانىڭ ھەممىسى باي، ئەمەلدارلار بىلەن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر باي، ئۇلارنىڭ يەنە باشقا بىرخىل 'قارا كىرىمى' بار. ئەمما ھازىرقى سىياسەتتە ئادەتتىكى نورمال پۇقرانىڭ، بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ باي بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ بايلىقىنى ئەمەلدارلار، بايلار بۇلاپ كېتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق تورىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان سىياسەت. 202.52.168 دېگەن ئىنتېرنېت ئادرىسىدىن يوللانغان ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پېنسىيە مائاشى دېھقانلارنىڭ كىرىمىدىن 20 ھەسسە كۆپ. دېھقانلار ھەر كۈنى ئون نەچچە سائەت ئىشلەپ تاپقان ئازغىنە پۇلنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەمەلدارغا، سوتچىغا، ساقچىغا پارا بەرمەي تۇرۇپ ھېچ ئىش قىلالمايدۇ.
خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن مۇستەقىللىق يولىغا ماڭماقتىن ئۆزگە يول قالمىدى
ئىسمىنى رادىئودا ئېلان قىلىشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنىڭ ناھايىتى چوڭلىقى بىر پاكىت. خىتاي مىللىتى بىلەن ئازسانلىق مىللەت دەپ ئاتىلىۋاتقان خىتاي بولمىغان مىللەتلەر بىلەن خىتايلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بۇنىڭدىنمۇ چوڭ. خىتاي مىللىتى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە تايىنىپ 'ئاز سانلىق مىللەت' لەرنىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ -تالاڭ قىلماقتا. خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن مۇستەقىللىق يولىغا ماڭماقتىن ئۆزگە يول قالمىدى. (ۋەلى)