خىتاي ھۆكۈمىتى باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق مەسىلىسى ھەققىدە كۆك تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى


2006.12.26

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئېلان قىلغان بۇ كۆك تاشلىق كىتابتا، يېقىندا خىتاي جەمئىيىتىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە ئېنىقلانغان 17 تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر دوختۇرغا كۆرۈنۈش مەسىلىسى، ئىشسىزلىق مەسىلىسى، ۋە شۇنداقلا باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى كىرىم پەرقى مەسىلىسى قاتارلىقلار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر كۆك تاشلىق كىتابتا يەنە خىيانەتلىك ۋە چىرىكلىك مەسىلىسى، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى، مائارىپ چىقىمى مەسىلىسى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى رەتكە سېلىش مەسىلىسى ۋە مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى قاتارلىقلارمۇ بىر- بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوختۇرغا كۆرۈنۈش مەسىلىسى ئالدىنقى ئورۇندا

كۆك تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، دوختۇرغا كۆرۈنۈش مەسىلىسىنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئارىسىدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلىشى تۇنجى قېتىم بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇندىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان كۆك تاشلىق كىتابلاردا، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان يەنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئىشسىزلىق مەسىلىسى، كىرىم پەرقى مەسىلىسى، چىرىكلىك مەسىلىسى، جەمئىيەت ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى قاتارلىقلار بولۇپ، دوختۇرغا كۆرۈنۈش مەسىلىسى ھېچقاچان 1 - ئورۇنغا قويۇلۇپ باقمىغان ئىكەن. دېمەك بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان كۆك تاشلىق كىتابتا، دوختۇرغا كۆرۈنۈش مەسىلىسىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىشى، كىشىلەرنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە بولغان ئىنكاسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، شەھەر ۋە يېزا ئائىلىلىرىنىڭ يىللىق چىقىمىدا، دوختۇرغا كۆرۈنۈش چىقىمى 12% نى، مائارىپ چىقىمى 11% نى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى چىقىم قاتناش ۋە كىيىم كېچەك جەھەتتىكى چىقىم نىسبىتىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان. بۇنىڭدىن شۇنى ھىس قىلغىلى بولىدۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەيلى باراز ئىچىدىكىلەر بولسۇن ياكى يېزا رايونىدىكىلەر بولسۇن، دوختۇر چىقىمى ۋە مائارىپ چىقىمى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئۆرلىگەن. ھەمدە بۇخىل ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەبچى بولغان يەنىلا باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ كۈن سېرى چوڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئىكەن.

باي كەمبەغەللىك پەرقى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن تەھدىتكە ئايلانغان

ئامېرىكا نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جەمئىيەتشۇناس شىيا مىن ئەپەندى خىتايدىكى باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

"خىتايدا ھازىر مۇنداق بىر خىل ئەھۋال ناھايىتى كۈچلۈك ئىنكاسقا ئىگە: ئوتتۇرا قاتلام تۇرمۇش سەۋىيىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەردىن باشقا، يەنە بىر قىسىم ئاز ساندىكى كىشىلەر يۇقىرى قاتلام تۇرمۇش سەۋىيىسىگە يېتىپ، بايلار قاتارىدا ھېسابلانماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەتتىكى دېھقان ۋە ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى بارغانسېرى تۆۋەنلەشكە قاراپ مېڭىپ، ئاخىرقى ھېسابتا، خىتايدىكى نامراتلار نوپۇسىغا ئايلانغان. ھەمدە بۇلارنىڭ ئارىسىدا، كۆپ ساندىكىلىرى خىزمىتى يوق ئىشچىلار ۋە يەرسىز قالغان دېھقانلار بولۇپ، يەنە بىر قىسمى ئىشتىن بوشۇتىۋېتىلگەن ۋە خىزمەت ئىستاژى توشمايلا بالدۇر پېنسىيىگە چىققانلار بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ھازىر، خىتايدىكى باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق تېخىمۇ چوڭىيىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن بىر چوڭ تەھدىتكە ئايلانغان ".

يېقىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق خەلقئارا جەمئىيىتىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلانغان. مەزكۇر دوكلاتتا "ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە جىددىي چارە -تەدبىرلەرنى قوللانمايدىكەن، 2010 ‏- يىلىغا بارغاندا خىتايدىكى باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن خەتەرلىك باسقۇچقا كىرىدىكەن. مۇناسىۋەتلىك ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ھازىر 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئىگە بايلار سانى 240 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ كۈندىلىك كىرىمى 1 ئامېرىكا دوللىرىدىنمۇ تۆۋەن ئىكەن.

خىتايدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى جەمئىيەتشۇناس رەن ئەپەندى "خىتاي ھۆكۈمىتى باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل پەرقنىڭ كۈنسېرى چوڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى كېرەك ھەمدە مەزكۇر مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، بىرىنچى دەرىجىلىك جىددىي چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك. چۈنكى بۇ خىل پەرقنىڭ چوڭىيىشى ئاخىرىغا بېرىپ، سىياسىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھازىر خىتايدا بىر قىسىم ئىلگىرى نامرات ھالەتتە ياشىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى بىر قەدەر ياخشىلانغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئۇلار بىر قىسىم ھەددىدىن تاشقىرى بېيىپ كېتىۋاتقانلارغا مەيلى پسىخىك جەھەتتە بولسۇن ياكى ھېسسىيات جەھەتتە بولسۇن، ئىنتايىن نارازى بولماقتا. ئەگەر بۇ خىل ھالەت داۋاملىشىۋېرىدىكەن، يەنە 10 ‏- 20 يىلدىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان سىياسى مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ" دەپ بىلدۈردى.(مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.