ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى


2004.11.23

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئىسپات بېرىش يىغىنىغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جەيمىس لىچ رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇلىۋاتىدۇ

ئۇ سۆزىدە، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ خىتاي- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى بىر مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

"گەرچە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە ھەر قانداق دىننىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئۇيغۇن كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيىتىنى بۆلگۈنچىلىك ئامىللىرى بىلەن باغلاپ قارايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا دىنىي ئەركىنلىكنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرىۋاتىدۇ."

جەيمىس لىچنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە بولغان باستۇرۇشنى بارغانسىرى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق پاكىتلار بار ئىكەن.

يىغىندا ئىسپات بەرگەن "جۇڭگوغا ياردەم بېرىش" جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى پوپ فۇشىچيۇ خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى تەشكىلات ۋە مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۇ يىل 5 - ئايدا تارقاتقان ئاتېئىزم تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلىدى.

ئاتېئىزمنى ئاساس قىلغان دىنىي ئەركىنلىك

"ماركىسىزىمچە ئاتېئىزىم ھەققىدىكى تەتقىقات، تەشۋىقات ۋە تەربىيىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۇقتۇرۇشى" ناملىق بۇ ھۆججەت بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر قايسى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مائارىپ، مەتبۇئات ۋە دىنغا كونتروللۇقنى كۈچەيتىشى تەلەپ قىلىنغان. فۇشىچيۇ بۇ يېڭى ئۇقتۇرۇشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دىدى:

"كومپارتىيىنىڭ ھۆججىتىدە بولۇپمۇ خىتاينىڭ غەربىي ۋە چېگرا رايۇنلاردىكى پارتىيە مەكتەپلىرىنى، مەمۇرىي ئىنستىتۇتلارنىڭ شۇ جايلارنىڭ كۆپ مىللەت، كۆپ خىل دىنلار مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشتەك ئەمىلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يەرلىكتىكى رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتىلغان ئاتېئىزم تەربىيىسىنى كۈچەيتىش كېرەك دەپ يازغان. ئۇنىڭدا ئاتېئىزم تەربىيىسىنى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىغا سىڭدۈرۈش تەكىتلەنگەن."

ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرىۋاتقان بارلىق دىنىي زاتلارنى قويۇپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن ئەركىن شوغۇللىنىشىغا يول قويۇشقا چاقىردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىسپات بېرىش يىغىنىدا يەنە خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئانالىزچىسى ناۋاڭ ساندىرول گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى. ئۇ تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىسى دالاي لاماغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 12 يىل قامالغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ سىياسىتى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئاساسى

يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئىسپات بەرگەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتىتىنىڭ رەئىسى پىرىتا بەنسىل خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى نازارەت ئاستىغا ئالمىغان بارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى دۆلەت ھاكىمىيىتىگە تەھدىد دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

"كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش خىتاينىڭ ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى پۇقرالارغا قاراتقان مۇئامىلىسى بۇ رايۇننىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يوشۇرۇن خەۋپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ رايونلاردا يۈز بەرگەن ھەر قانداق ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ۋەقەلەر غەربنىڭ ۋە باشقا ئەللەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ".

بەنسىل خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى ئېچىۋېتىشتە نۇرغۇن ئىجابىي قەدەملەرنى باسقان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى زورايغان، مال- مۈلۈكلىرىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ئاشقان، ئۇچۇرلارغا ئىلگىركىگە قارىغاندا ئاسان ئېرىشەلىگەن. بىراق ئۇنىڭ ئىيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەركىنلىكنى پۇقرالارغا بەرمىگىچە، خىتاينىڭ پۈتۈنلەي زامانىۋېلىشىشى ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدىكەن. خىتاينىڭ ئىقتىسادنى تۇلۇق راۋاجلاندۇرۇشى ئۈچۈن پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقوقىنى قوغدىشى تولىمۇ مۇھىم ئىكەن.

خىتايغا قاتتىق قول بولۇش كېرەك

بەنسىل خانىم يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مەركەز قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىر قانچە تۈرلۈك تەكلىپلەرنى بەردى.

ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىنى كۈچەيتىش، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەيىبلەيدىغان قارارنامىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە خىتايدىكى قانۇن سېستىمىسىنى ئىلاھات قىلىش پروگىراممىسىنى تەسىس قىلىشنى، شۇنداقلا دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداشنى، خىتاي چەتئەلدىن ئېرىشىدىن بارلىق ياردەم پۇللىرى ۋە پروگىراممىلىرىنىڭ بىر ئالدىنقى شەرتى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىرىتا بەنسىل خانىم ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ۋە لاسادا ئامېرىكا كونسۇلى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.