خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى


2004.12.06

خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى 8 - دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنى گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھىرىدە ئېچىلىشنىڭ ئالدىدا، دۈشەنبە كۈنى مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قولغا ئېلىش، تەن جازاسى بېرىش قىلمىشىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇرلار تۈرمىگە تاشلانماقتا

rabiya_kadeer_114-136.gif

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن گائاگادا ئۇچراشقاندا بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت قولغا ئېلىنىش ياكى تۈرمىگە تاشلىنىش خەۋپىي ئاستىدا ياشايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ:

"پىكىر قىلىش، ئىپادىلەش، تەشكىلاتلارقا ئۇيۇشۇش ۋە دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلەشكە تىرىشقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت پائالىيەتچىلىرى تۈرمىگە تاشلانماقتا".

خىتايدا ھەقىقەتنى ئېيتىش جىنايەت

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر بىلەن تۈرمىدىكى ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسى ئابدۇغېنى مەمتىمىننىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، رابىيە قادىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا تۇيغۇزۇش ئۈچۈن تىرىشقان كىشىلەرنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى. ئابدۇغېنى مەمتىمىن ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ قەشقەردە ئۇيغۇر دىھقانلارنى مەجبۇرى ھاشارغا سېلىش، ئۇيغۇرلار تارىخىغا دائىر كىتاپلارنى كۆيدۈرۈش، دىنىي ئىبادەتنى چەكلەشكە دائىر خەۋەرلەرنى چەتئەلدىكى ئۇچۇر ئورگانلىرىغا خەۋەر قىلغانلىقى ئۈچۈن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئابدۇغېنى مەمتىمىن ئەسلى قەشقەردىكى مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئىشتىن سىرتقى ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى مەركىزى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنى خەۋەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەلىپى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى ت. كۇمار، مەزكۇر تەشكىلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابدۇغېنى مەمتىمىننى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. كۇمار مۇنداق دەيدۇ:

"خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، شۇنداقلا سىياسى مەھبۇس دەپ قارايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇۋېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەنلىكى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدا بەلگىلەنگەن كىشىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقدۇر. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت ئەھدىنامىسىنى ھۆرمەت قىلىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇنى شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك".

ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنماقتا

كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ رايونلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆي مۈلكى خىتاي سودىگەرلەر تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىۋاتقانلىقى، دىنىي ئىبادەتخانا ۋە مەسچىتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، دىنىي ئىبادەت پائالىيىتىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقى، ئىشسىزلىق، خىتاي كۆچمەنلەر دولقۇنى، مۇھىتتىكى بۇلغىنىشنىڭ ئېغىرلىقى، ساقلىقنى ساقلاش ئۆلچىمىنىڭ ناچارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى دوكلاتى ۋېن جياباۋنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىش سەپىرى باشلىنىشنىڭ ئالدىدا ئېلان قىلىندى. ۋېن جياباۋ، 8 - دېكابىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان گائاگادىكى يىغىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزگەن قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.

ئوخشاش بولمىغان مەيدان

فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش تەرەپدارى بولسىمۇ بىراق بۇ، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. قارشى تۇرغان دۆلەتلەر، خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگونى بىكار قىلىش، تاشقى دۇنيادا ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىدىن مۇھىم دەپ قارايدۇ دىگەن تەسىرات يارىتىپ قويىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىككى تەرەپ سودىسى كۈنسىرى كۆپەيمەكتە. خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگونى بىكار قىلىش مەسىلىسى، ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ شىددەت بىلەن قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. ئۇلار، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قوراللىق تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.