خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلىغان شىنخۋا ئاگېنتلىقى ئىنسانپەرۋەرلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى


2004.12.13

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى . خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالى كومىسارى ، 2005 - يىلى 1 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى ۋە 2 - ئاينىڭ باشلىرى خىتاينى ئۈز ئىچىگە ئالغان بەزى ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىدۇ.

خىتاينىڭ نەزىرىدە ياخشىلاندى

جۈمە كۈنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئورگىنى شىنخۋا ئاگېنتلىقى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 2004 - يىلى قولغا كەلتۈرگەن كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى نەتىجىلىرىنى ماختىدى. شىنخۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2004 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساسى قانۇنغا كىرگۈزگەن تۇنجى يىلى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بىر يىل ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە زور تەدبىرلەرنى ئالغان.

شىنخۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ باش ماقالىسىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش يولىدا ئالغان چارە - تەدبىرلەر، ئەيدىز ۋىروسى يۇقتۇرۇۋالغان كىشىلەرنى دۆلەت خىزمەتچىلىكىگە قوبۇل قىلىش جەھەتتىكى چەكلىمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، دىھقانلارنىڭ قەرزىنى كەينى سۈرۈشنى چەكلەپ، دىھقانچىلىق بېجىنى كېمەيتىش يولىدىكى چارە - تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئەڭ نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى - سىياسىي مەسىلە

ئامما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا كىشىلەر ئەڭ ئىھتىياج بولىۋاتقان مەسىلە پۇقرالارنىڭ سىياسى ھوقۇقى بولسىمۇ بىراق، شىنخۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى خۇ ياۋباڭنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ بىرى بولغان لىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختۇلۇپ، "سىياسى ھوقۇق مەسىلىسى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تىلغا ئېلىش چەكلەنگەن مەسىلە. چۈنكى سىياسى ھوقۇق دىگەنلىك ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆخشىمىغان پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ دىگەنلىكدۇر. بۇنداق كېتىۋەرسە فالۇنگوڭ مەسىلىسى بولامدۇ ياكى باشقا مەسىلىلەر بولامدۇ، ئىش قىلىپ ھەممىسى ھامىنى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ." دەپ كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينى ئەيبلىمەكتە

شىنخۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى نەتىجىلىرىنى ماختىغان بولسىمۇ بىراق، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

خىتاينىڭ ئەمەلىيىتى ئۆزى قول قويغان ئەھدىنامىنى دەپسەندە قىلماقتا

شىنخۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ 2004 -يىلدىكى تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە باش ماقالە ئېلان قىلىشنىڭ سەل ئالدىدا، مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، رابىيە قادىرنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىھقانلارنى ھاشارغا سالغان، تارىخىي كىتاپلارنى كۆيدۈرگەن ، دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ش ت ئۇ م گە يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان قەشقەرلىق ئابدۇغېنى مەمتىمىننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى ت . كۇمار ئەپەندى ئابدۇغېنى مەمتىمىن ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

"ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەنلىكى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمى ئەھدىنامىسىدا بەلگىلەنگەن پۇقرالاردىكى ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقلارنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى، شۇنداقلا ئۇنى شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك".

خىتاي يەنە تاندى

بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدىكى تەنقىدلىرىنى رەت قىلىپ كەلدى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، "جوڭگو تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتى ھەممە ئادەمگە ئايان بولغان مەسىلە،" دەپ جاكالىغان.

بىراق مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى ئىزچىل ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇرلاردىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تېخىمۇ يامانلىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغاندەك، يىل بىشىدىن ئاۋغۇست ئايلىرىغىچە 50 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ب د ت 1948 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمى ئەھدىنامىسىنى ماقۇللاپ، 10 - دېكابىرنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى قىلىپ بېكىتكەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى، كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمى ئەھدىنامىسىنى 50 يىلدىن كېيىن قوبۇل قىلغان. بىراق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمى ئەھدىنامىسىنىڭ ئىككى مۇھىم ھۆججىتىنىڭ بىرى بولغان »سىياسى ھوقۇق ۋە پۇقرالار ھوقۇقى ھەققىدىكى خەلقئارا ئەھدىنامى« نى ھازىرغا قەدەر تەستىقلىمىدى.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئۆتكەن ھەپتە برېيۇسېلنى زىيارەت قىلغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىپ، "سىياسى ھوقۇق ۋە پۇقرالار ھوقۇقى ھەققىدىكى خەلقئارا ئەھدىنامىسى" نى تېز ئارىدا تەستىقلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. بىراق ئامىرىكىدىكى ئۇيغۇر قانۇنچىلارنىڭ بىرى ئابلاجان لەيلى نامان، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلارنى ئىمزالاش بىلەن ياخشىلىنىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاينىڭ ئەھدىنامىلارغا قول قويسىمۇ ئۇنى ئەمەلىيلەشتۇرمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى - خىتاي باشلىقلار يىغىنى قوشما ئاخباراتىنىڭ 9 - ماددىسىدا، ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ يەر شارى بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىئايىتى، ئۇرۇش جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى بىلەن كۈرەش قىلىشتىكى رولىنىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالغا سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى، ش ئا ئو ئە ت نىڭ 1990 - يىللاردا سېربلارنىڭ بوسنىيە ۋە كوسوۋادىكى مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلىش ھەرىكىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.