كانادا پارلامېنت ئەزاسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى

0:00 / 0:00

كانادا پارلامېنت ئەزاسى گېلگورنىڭ "مەتبۇئات ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھۆرمەت قىلىنمىغان خىتاينىڭ ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ئۈمىد باغلىغىلى بولمايدۇ" ناملىق ماقالىسى كانادا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ يېڭى سىياسەت بەلگىلىشى ۋە خەلقئارا قانۇن نىزاملارغا قول قويۇشى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئارىسىدا بەزى ئۈمىدلەرنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ھېچقانداق ئۆزگۈرۇش بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.