خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ بەك ناچارلاشماقتا
2005.09.05
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىماقتا شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىتىگە ئۇچرىماقتا.
خىتايدىن كېلىۋاتقان ئىنكاسلار
رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە تېلېفون قىلغان كۆپ ساندىكى خىتاي پۇقرالىرىمۇ، خىتايدا ھازىر كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مەسىلەن شاڭخەيدىن تېلېفون قىلغان جاڭ فامىلىلىك بىرسى ھازىر خىتايدا، ھېچقانداق كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ، پۇقرالارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بولغان ياشاش ھوقۇقىغىمۇ ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
جياڭشىدىن تېلېفون قىلغان بىر خىتاي پۇقراسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تېخىمۇ يېقىندىن كۆزىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە يېتەرلىك بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ سۆزىدە "خىتايدا ھازىر ياشاش ھوقۇقىغا ئېرىشىشمۇ تەس بولىۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە داۋاملىق ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىپ، خەلقئارانى ئالداپ كەلمەكتە. ئۇلار ئاغزىدا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۆز خەلقىغە پۈتۈنلەي باشقىچە پوزىتسىيىدە بولۇپ، ئۇلارنى ئەڭ ئاساسلىق ياشاش ھوقۇقىدىنمۇ بەھرىمان قىلمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر زامان 'خەلقنىڭ مەنپەئەتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ' دەپ ۋاقىرايدۇ، لېكىن بۇنىڭ ھەممىسى قۇرۇق تەشۋىقات شۇئارى بولۇپ، خەلقنى قاراپ تۇرۇپ ئالدىغانلىق" دەپ بىلدۈردى.
يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى لۇئىس ئاربور (Louise Arbour) خانىم خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە خىتاينى زىيارەت قىلغان مەزگىلىدە، خىتايدىكى 2000 دىن ئارتۇق ئۆكتىچى ئىنتېرنېت ئارقىلىق لۇئىس ئاربورلوئۇئىسە ئاربوئۇر خانىمغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تونۇپ يېتىشنى، بولۇپمۇ ئىنسان ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقى، سۆزلەش ئەركىنلىكى، ئۆلۈم جازاسى، قىيىن قىستاققا ئېلىش ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېگەندەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە، توغرا ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى سىياسىي مەھبۇس ۋە بىگۇناھ قامالغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرى
يېقىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىشخانا باشلىقى كۇمار ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، مىساللار ئارقىلىق، خۇ جىنتاۋ تەختكە چىققاندىن بۇيانقى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ھالەتتە قېلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر، ئۇيغۇر تىلى چەكلىمىلەرگە ئۇچرىماقتا. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سوتنىڭ ھۆكۈمىسىزلا تۈرمىلەردە ياتماقتا. مەسچىتلەرمۇ نۇرغۇن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. يېقىندا ئاتاقلىق تىجارەتچى رابىيە قادىر خانىم تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نۇرغۇن كاشىلىلىلارغا دۇچ كەلمەكتە ھەمدە ئۇنىڭ بەزى تۇغقانلىرى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. مەزكۇر جايدىكى ساقچىلار مەخسۇس بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى قاتتىق نازارەت قىلىشقا باشلىغان".
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە ھەر يىلى دىگىدەك دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىتلەپ كەلمەكتە. كۆپلىگەن خىتاي پۇقرالىرى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىشىنى ناھايىتى يوللۇق دەپ قاراپ، خەلقئارا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كوممۇنىست خىتايغا بولغان بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلىنىش تەرەپكە قاراپ مېڭىشىغا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلەشمەكتە
- خىتاي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن قانۇن ئىسلاھاتى كېلىشىمى ئىمزالىدى
- بېيجىڭ ساقچىلىرى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنى ئۇشتۇمتۇت تەكشۈردى
- ب د ت ئەمەلدارى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ب د ت ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەھبۇسلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ