ئىنسان ھەقلىرىدىن خالى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ – خىتاي

0:00 / 0:00

2005 يىلى 12 - ئاينىڭ 13 كۈنى، دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، گېرمانىيىنىڭ Landshut شەھىرىدىكى "مىللەتلەر ئۆيى" ناملىق تەشكىلاتلار بىرلىكى مەركىزى تەرىپىدىن "ئىنسان ھەقلىرىدىن خالى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ" دېگەن تېمىدا، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تېما قىلىنغان "ئىنسان ھەقلىرىدىن خالى دەرىجىدىن تاشقىرى كۇچ" بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت.

بۇ يىغىندا، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى پەتەر مۈللەر ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندىلەر دوكلات بېرىپ ئۆتتى. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.