خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇقى ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىشى مۇمكىن


2006.11.29
olimpik-beyjing-150.jpg
بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋە بېيجىڭ 2008 ئولىمپىك يىغىنى كومىتېتىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چىسەن 2004 – يىلى 29 – ئاۋغۇست كۈنى گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافېنادا ئولىمپىك بايرىقىنى لەپىلدەتمەكتە. AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ ئىككى مۇھىم ھۆججىتى بولغان "پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلار ئەھدىنامىسى" بىلەن "ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى ئەھدىنامىسى" نى 1998 - يىلى ئىمزالىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى "پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلار ئەھدىنامىسى" نى تەستىقلاشنى ھازىرغا قەدەر كېچىكتۈرۈپ كەلمەكتە.

خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىدا

خوڭكوڭدا نەشر قىلىنىدىغان بېيجىڭپەرەس "داگوڭباۋ" گېزىتى چارشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر ئەھدىنامىنى 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن تەستىقلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. "داگوڭباۋ" گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار نوپۇزلۇق زاتلار خىتاينىڭ مەزكۇر ئەھدىنامىنى تەستىقلاش ۋاقىت جەدىۋىلى تۈزگەنلىكىنى، ئەگەر ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا ئەھدىنامە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن تەستىقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

"داگوڭباۋ" گېزىتى، "پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلار خەلقئارا ئەھدىنامىسى" بەزى تەييارلىق خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن ھازىرغا قەدەر كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. مەزكۇر گېزىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 2004 - يىلى ماقۇللىغان ئاساسىي قانۇن تۈزىتىش لايىھىسىدىكى "دۆلەت كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدۇ" دېگەن ماددا بىلەن، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى ئالىي سوتنىڭ ئىلكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىقلار بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلاش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان تەييارلىق خىزمىتى ھېسابلىنىدىكەن.

"داگۇڭباۋ" گېزىتى، "بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلاش جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەمچى بولىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئانالىزچىلار خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي بۇنى بىر سىياسىي كوزۇر قىلىپ قوللانماقچى

ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان "بېيجىڭ باھارى" ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئەھدىنامىنى ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن تەستىقلىماقچى بولغانلىقى تاسادىپىي ئەھۋال ئەمەس. ئۇ، بۇ ئەھدىنامىنىڭ مەزمۇنى خىتاي دائىرىلىرىنى مەمنۇن قىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئەدىنامىنى تەستىقلاشنى بىر سىياسىي كوزۇر قىلىپ قوللانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ، "مېنىڭچە جۇڭگو ئەمەلىيەتتە بۇ ئەھدىنامىنىڭ مەزمۇنىدىن مەمنۇن ئەمەس. ئۇ بۇنى ئىمزالاشنى خالىمىسىمۇ، لېكىن بۇنى كوزۇر قىلىپ قوللانماقچى. ئۇلار بۇنى تەستىقلىسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەلىپىنى قاندۇرغان بولىدۇ. ئۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە پايدىلىق ۋەزىيەت ياراتماقچى. مەسىلەن، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى. جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا. بۇ ئەھۋالدا ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ياخشى كۆرۈنمەكچى ۋە ئولىمپىك يىغىنىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلماقچى" دەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1998- يىلى "پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلار ئەھدىنامىسى" نى ئىمزالىغاندا مەزكۇر ئەھدىنامىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە دائىر بەزى نازۇك ماددىلارغا ئىمزا قويمىغان. خۇ پىڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئەھدىنامىنى تەستىقلاشنى 8 يىلدىن بېرى كەينىگە سۈرمەكتە. ئۇ، گەرچە خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا "كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىمىز" دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇمى روھى بىلەن بۇ ئەھدىنامىنىڭ مەزمۇنى ئارىسىدا زور پەرقلەر بارلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ تۈپ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولماي تۇرۇپ ئاخباراتتا ئەركىنلىك بولمايدۇ

خۇ پىڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىدا ئېغىر مەسىلە مەۋجۈت. ئۇ، "جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىدا ئېغىر مەسىلە مەۋجۇت. ئەگەر بۇلار قانۇن دەپ قارالسا، ئۇنىڭ قانۇنى، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلىرىنىڭ ئۆزى دائىم قانۇنسىز ئىشلارنى قىلىدۇ. شۇڭا بۇ ئەھۋالدا جۇڭگودا بۇ ئەھدىنامىنى ئىمزالاش بىلەن ئۆزگىرىش بولىدۇ، دېيىشكە بولمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى. خۇ پىڭ، جۇڭگونىڭ "تۈپ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولماي تۇرۇپ، ئاخبارات كونتروللۇقىنى بىكار قىلمىغان ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇشنى كۈتۈشكە بولامدۇ" دەيدۇ.

"داگوڭباۋ" گېزىتى، ئەگەر خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ب د ت نىڭ " پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلار ئەھدىنامىسى" نى تەستىقلىسا، بۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن خۇ پىڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ۋە ئۆكتىچى زاتلارنى باستۇرۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئائىلە- تاۋاباتلىرىغا زەربە بەرمەكتە. ئۇ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش سەمىمىيىتى بولسا، ئىشنى بولمىدى دېگەندە ئالدى بىلەن بۇ كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىشتىن باشلاش كېرەك. لېكىن بىز ھازىرغىچە بۇ جەھەتتە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرمىدۇق " دېدى.

خۇ پىڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەر، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتىتېغا ئوخشاش ئورگانلار سەمىمى بولسا، بولۇپمۇ ئولىمپىك يىغىنىنى مۇۋاپىقيەتلىك ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆز ‏- ئۆزىنى ئالدىمىسا، بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلاشنى ئىلگىرىلەش، دەپ قارىماسلىقى كېرەك". خۇ پىڭ، خىتاينىڭ پىلانى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەمەس، بەلكى "باشقىلاردا ياخشى تەسىرات پەيدا قىلىش دەيدۇ".

لېكىن بەزى ئانالىزچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلىمىغىندىن تەستىقلىغىنى ياخشى، دەپ قارىماقتا. بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئەھدىنامە تەستىقلانسا، پۇقرالار بولمىدى دېگەندە ئۆزىنى قوغدايدىغان بىر قورالغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.