ئامېرىكا كارنىگى خەلقئارا فوندى جەمئىيىتى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى، ۋاشىنگتوندا "خىتاي سىياسىتى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر" نامىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇنىڭدا "خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەمدە ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆرسەتكەن تەسىرى" دېگەن تېما يىغىننىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قىلىندى.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، خىتاي قانۇن مۇتەخەسسىسى، پىروفېئىسسور جاك دېلەيسى بىلەن ئامېرىكىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى شەرىن خوم قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىئىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەت، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاشتا كۆرسەتكەن رولى ھەمدە قانداق قىلغاندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ئاساستا ياخشىلاش مەسىلىسى ئۈستىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سىياسىي پىكىر ئەركىنلىكى جەھەتتە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى تولىمۇ ناچار
پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جاك دېلەيسى سۆزىدە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: "شەك شۈبھىسىزكى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى، ماۋ زېدۇڭ دەۋرى بىلەن 1989 - يىلى تىيەنئەنمىن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى بىر مۇددەتكە قارىغاندا بىر قەدەر ئۆزگىرىش ياسىدى. بىراق نۇرغۇن تەرەپلەردىن قارىغاندا يەنىلا ئىنتايىن يىراق ۋە مەۋجۇت مەسىلىلەر يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر. بولۇپمۇ سىياسىي پىكىر ئەركىنلىكى جەھەتتە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى تولىمۇ ناچار. خۇ جىنتاۋ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىش جەھەتتىكى خاتىرىسى، جاڭ زېمىن دەۋرىگە يەتمەيدۇ".
مەركىزى نيۇيوركتىكى "خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى" نىڭ مۇدىرى شەرىن خوم سوزىدە مۇنداق دېدى: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇر، مەتبۇئات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلماقتا. ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلىشىغا ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭدىن نەتىجە ھاسىل قىلىشىغا باھا بېرىش خېلى قېيىن بىر مەسىلە، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى، پىكىر ئەركىنلىكىگە قاراتقان باستۇرۇشىنى كۈچەيتمەكتە".
ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: "خىتاي 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى ياخشى بىر ئوبراز بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىغىلا تايىنىپ قالماستىن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەمدە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، شىركەت - كارخانىلار، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىش نەزىرىيىسى ۋە تەشۋىقاتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك"
كانىگىي خەلقئارا فوندى جەمئىيىتىنىڭ كېلەر قېتىم" خىتاي، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا ، تېنچ ئوكىياندىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىغا دەسسەشكە ئۇرۇنۇۋاتامدۇ؟ " دېگەن تېما ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشنى پىلان قىلماقتا. (ئەقىدە)