بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 62 ‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى باشلاندى


2007.09.25

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىللىق ئومۇمىي يىغىنى 62- قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن دۆلەت رەھبەرلىرى تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى.

يىغىن بۈگۈن 25- سېنتەبىر رەسمىي باشلانغان بولۇپ، يىغىن بېشىدا سۆزگە چىققان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى بان كى-مۇن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەرنى، ھەرخىل قورقۇنچلۇق رىقابەتلەرگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى قوللاشقا چاقىردى.

بان- كى-مۇن سۆزىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىدا ئاشكارا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەكىتلىدى.

باش كاتىپ بانكى-مۇن يەنە، دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان، ۋەيران قىلىش خاراكتېرىدىكى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى ئازايتىش، دۇنيانىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق بىر نەچچە تۈرلۈك كۈچلۈك رىقابەتلەرنى رەتكە تىزدى.

ئۇ دۇنيا ھاۋا كىلىماتىدىكى ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇشتا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى ۋە: " بىز دۇنيا ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا بۇ خىزمەتنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشتا زۆرۈر بولغان پۈتۈن دۇنيا ئورتاق ھەرىكەت ئەندىزىسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك" دېدى. ئۇ يەنە، سۇداننىڭ دارفۇر ۋە باشقا جايلاردا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسلارنى ئاياغلاشتۇرۇشتا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق ، ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكى ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكىنى ھۆرمەت قىلىش ‏- ئاساسىي تېما

ھالبۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىللىق يىغىنىدا دۇنيا ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاساسلىق تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولسىمۇ، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سۆزگە چىققان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ۋە فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىيلارنىڭ نۇتقىدا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكى ، مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكىنى ھۆرمەت قىلىش قاتارلىقلار مۇھىم سالماقنى ئىگىلىدى.

بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۆز نۆۋىتىدە سۆزگە چىققان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش سۆزىنى كىشىلىك ھوقۇقتىن باشلىدى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىنسانلارنى " مۇستەبىتلىك ۋە زوراۋانلىق" نىڭ چاڭگىلىدىن ئازات قىلىشتا ھەرىكەت قىلىشقا قىستىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بۇ نۆۋەتلىك ب د ت نۇتقىدا كىشىلىك ھوقۇقنى باش تېما قىلغان بولۇپ، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئون نەچچە دۆلەت ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى بېكىتىشكە يىغىلغانلىقىنى، مەزكۇر خىتابنامىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقىدا بىر سەمەرىلىك نامايەندە سۈپىتىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە: " مەزكۇر خىتابنامە ئىنسانلارغا ئىگىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن قەدرى قىممىتى، باراۋەرلىك ھوقۇقى ۋە پۈتكۈل ئىنسانلار جەمئىيىتى ھەر بىر ئەزاسىنىڭ تارتىۋالغىلى بولمايدىغان كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دۇنيادىكى ئادالەت ۋە تىنچلىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىشنى مىزان قىلغان" دېدى.

بۇش : مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ دىكتاتورىلىق تۈزۈملىرى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقانلارنى قوللاش مەسئۇلىيىتى بار

جورج بۇش ب د ت ئەزالىرىدىن ئاشۇ كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىنىڭ ئۆلچەملىرىنى ئۆز خىزمەتلىرىنىڭ قىبلىنامىسى قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەردىن، يېڭىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان دېموكراتىك دۆلەتلەرنى قوللاش، مۇستەبىت ۋە زالىم ھۆكۈمەتلەرگە قارشى تۇرۇشتا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى ھەم مۇنداق دېدى: "ھەر بىر مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ دىكتاتورىلىق تۈزۈملىرى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئىنسانلار ئۈچۈن كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقىش مەسئۇلىيىتى بار."

بۇش : كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئامېرىكا خەلقىنى نائۈمىد قويدى

بۇش نۇتقىدا، كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر خىلاپلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرما، كۇبا ، ئىران ، سۈرىيە ۋە شىمالىي كورىيىلەرنى تىزدى ۋە ئۇ لارنى "ۋەھشىي دىكتاتور" دۆلەتلەر دەپ ئاتىدى ھەمدە، بېرمىغا قارىتىلغان ئىقتىسادى جازانى كۈچەيتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پرېزىدېنت بۇش يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىزمەتلىرىگە نارازىلىقىنى بىلدۈردى ۋە: "ئامېرىكا ب د ت نىڭ كۈچلۈك ۋە ھەرىكەتچان تەشكىلات بولۇشىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىدى. ئەمما، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئامېرىكا خەلقىنى نائۈمىد قويدى" دېدى ھەمدە دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ ياخشى ھىمايە قىلىشتا ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى قايتا تەشكىللىشى كېرەك" دەپ تەلەپ قىلدى.

ساركوزىي : ئېتىقاد، تىل، مەدەنىيەت، ياشاش ئۇسۇلى، ئوي-پىكرى ھەقلىق ۋە چىن ئىنسانىي ھوقۇقتۇر

ب د ت نىڭ بۈگۈنكى يىغىنى جەريانىدا سۆزگە چىققان فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىيمۇ دۇنياۋىي ھەق ‏- ئادالەت ھەققىدە توختالدى ۋە "ئادالەت" كەلىمىسىگە ئىزاھات بېرىپ: "ئادالەت دېگىنىمىز دۇنيادىكى ھەر بىر باي بالا ئېرىشكەن نەتىجە قازىنىش پۇرسىتىگە ھەربىر نامرات بالىنىڭمۇ ئورتاق ئېرىشەلىشى" دېدى.

ساركوزىي يەنە، كۆپ خىللىق، مىللىي كىملىك، دىن، ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئوخشىمايدىغان تەرەپلەرنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى: " بىراۋنىڭ ئېتىقادى، تىلى، مەدەنىيىتى، ياشاش ئۇسۇلى، ئوي-پىكرى - بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تەبىئىيلىك بولۇپ، ھەقلىق ۋە چىن ئىنسانىي ھوقۇقتۇر" دېدى.

ساركوزىي ھازىر دۇنيادا مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ھەققىدە توختىلىپ "مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى، ھەممە ئادەمنى ئوخشاش ئويلايدىغان ۋە ئوخشاش نەرسىگە چوقۇنىدىغان بولۇشقا قىستاش بولماستىن، بەلكى مەدەنىي ۋە دىنىي كۆپ خىللىقمۇ ھەر يەردە ، ھەممە ئادەم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇشى كېرەك" دېدى.

يىغىن جەريانىدا ھەر بىر دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە 15 مىنۇت سۆزلەش پۇرسىتى بېرىلىدىغان بولۇپ، 200 گە يېقىن نۇتۇق سۆزلىنىدۇ.

بۈگۈنكى يېغىنغا يۈزگە يېقىن دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى ۋە پرېزىدېنتلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئەجەبلىنەرلىكى، بۇ يىللىق ب د ت نىڭ قۇرۇلتىيىغا پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋاز مۇشەررەپ ۋە ۋېنېسۇئېلا پرېزىدېنتى خوگو شاۋەز قاتارلىقلار كېلەلمىگەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.