كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى


2007.12.18

17- دېكابىر سەيشەنبە كۈنى، باش شتابى نيۇ يوركقا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تېخى يېقىندىلا ئاۋسترالىيىگە باش مىنىستىر بولۇپ سايلانغان جون كېۋىن رۇد ئەپەندىگە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭدىن خىتاي تىل ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان كەڭ بىلىمىنى ئىشقا سېلىپ، ھوقۇقنى ياخشىلاشتا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

سابىق باش مىنىستىرى جون خوۋارد، سودا مەنپەئەتىنى كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۈستىگە قويغان

ئامېرىكا ئاۋازىدا كۆرسىتىشكە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى كەننىس رۇس ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرىگە يوللىغان مەكتۇبىدا: " جانابلىرى، سىز راۋان خىتاي تىلىڭىز بىلەن بىرگە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېتىۋاتىسىز. بىز سىزنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ئەھۋالىغا نىسبەتەن مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمىز" دەپ يازغان.

رۇس ئەپەندى خېتىدە يەنە، ئاۋسترالىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى جون خوۋارد سودا مەنپەئەتىنى كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۈستىگە قويغان ئىدى، دەپ ئەيىبلەپ، باش مىنىستىر رۇدد ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھۆكۈمەتتىكى بۇ خىل خاھىشىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كەننىس رۇس، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى رۇدد پەدىگە يوللىغان خېتىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: " بىز جانابىڭىزنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىگە ئېتىۋار بېرىشنى ھېس قىلدۇرۇش تەرەپلەردە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ دەپ قارايمىز."

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرىنى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قاراتقان چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش، ئۆي چېقىپ مەجبۇر كۆچۈرۈش قىلمىشلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇش، ۋە ئەمگەك قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىش تەرەپلەردە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

ئامېرىكا ئاۋازىدا كۆرسىتىشىچە، ئاۋستىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرلىكى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمى ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئىشخانىنىڭ مەزكۇر خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان ياكى ئالمىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكنى بىلدۈرۈپ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىشنى بىئەپ كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كېۋىن رۇد ئەپەندىنىڭ خىتايچىسى راۋان

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئاۋسترالىيىنىڭ باش مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان خون كېۋىن رۇدد ئەپەندىنى ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە خىتاي تىلى ۋە تارىخى بويىچە مەخسۇس تەربىيە ئالغان بولۇپ، 80 يىللاردا ئاۋسترالىيىنىڭ خىتايدىكى دىپلوماتى سۈپىتىدە بېيجىڭدا ئۇزۇن مەزگىل ياشىغان ۋە خىتاينىڭ سىياسىي- ئىقتىسادىنى تەتقىق قىلغان.

رۇد ئەپەندىنى 1998- يىلى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا ئەزا بولىدۇ سايلانغان ۋە ئۆتكەن يىلى ئاخىرىدا ئاۋسترالىيە ئەمگەك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا ئېرىشكەندىن كىيىن، بۇ يىل 11- ئايدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا غەلىبە قىلىپ ئاۋسترالىيىگە باش مىنىستىرى بولغان ئىدى.

بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق يىغىندا كېۋىن رۇدد خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ساپ خىتاي تىلىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، كېۋىن رۇد خىتاي تىلىغا پۇختا تۇنجى غەرب ئەللىرى رەھبىرى بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي تىلىنى ياخشى بىلىشتىن ئىبارەت ئارتۇقچىلىقى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان دىپلوماتىيە سۆھبەتلىرىدە ئىنتايىن ئىجابىي رول ئوينايدىكەن.

يۈەن خوڭبىڭ ئەپەندى: "غەرب سىياسىيونلىرى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە يوشۇرۇن كرىزىسلارنى مۆلچەرلەپ كېتەلمەيدۇ"

ھالبۇكى ئاۋسترالىيىنى سىدنېي شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتىك پائالىيەتچىسى يۈەن خوڭبىڭ ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا ئاۋازىغا بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا، كۆپلىگەن غەرب سىياسىيونلىرى خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرى جەريانىدا، پەقەت خىتاي ئىقتىسادى ئىگىلىكىدىكى ئارتۇقچىلىققا زىيادە ئېتىۋار بېرىپ، ئەمما خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە يوشۇرۇن كرىزىسلارنى مۆلچەرلەپ كېتەلمەيدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: "ئىشىنىمەنكى رۇدد ئەپەندى بىر ئاقكۆڭۈل ئادام، ئەمما ئۇنىڭ خىتايچىسى ياخشى بولسىمۇ، ئۇنىڭدا خىتايغا نىسبەتەن چوڭقۇر چۈشەنچە كەمچىل. شۇڭا ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئۇ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە سابىق باش مىنىستىر خوۋارد دەۋرىگە قارىغاندا كۆپ ئىلگىرىلەشلەر بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن."

رۇد ئەپەندى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىدە ئىنتايىن ئېھتىياتچان

دەرۋەقە، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باش مىنىستىر رۇدد ئەپەندى ئىلگىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە پىكىر بايان قىلىشتا ئىنتايىن ئېھتىياتچان مۇئامىلىدە بولغان بولۇپ، 2005- يىلى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتى چېن يوڭلىن ئاۋسترالىيىدىن پاناھلىق تىلىگەندەك رۇدد ئەپەندى پەقەت ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىش يۈزىسىدىنلا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىدا كۆرسىتىشىچە يەنە، رۇدد ئەپەندى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە گەپنىڭ راستىنى ئېيتىشى تەكىتلەيدىغان بولۇپ، ئۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا باھا بېرىش، چوقۇم خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان، خىتاي قانۇن- تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىنىش بولۇۋاتقان تارىخى دەۋرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك دەپ قارايدىكەن.

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەت ئەڭ يېقىندىن كۆڭۈل بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى پېتېرسون خانىمنىڭ ئامېرىكا ئاۋازىغا بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا، ئۇ ئاۋسترالىيىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ۋە ئۇنى قوغداش ساھەسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك رول ئوينايدىغان دۆلەت بولۇپ مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەت ئەڭ يېقىندىن كۆڭۈل بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى ئىنسان پەرۋەر كىشىلەر، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش جەھەتتە خىتايغا ھەرخىل بېسىملارنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىلدىكى بېسىملار، كېلەر يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كەڭ قانات يايماقتا. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.