كانادا پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

كانادا پارلامېنتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا كانادادىكى فالۇنگوڭ تەشكىلاتى، دېموكراتىك جوڭگۇ فرونتى كانادا بۆلۈمى ۋە كانادا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى قاتارلىق تۆت ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا يۇقىرىقى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى، ھەمدە خىتاي كانادا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋەكىللەر كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدا 10 يىلدىن بەرى داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى، ئۇنى يېڭىۋاشتىن كۆزدىن كەچۈرۈشنى ھەمدە ئەڭ ئۈنۈملۈك يول ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلدى.

كانادا پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا يەنە 18 ئاممىۋى تەشكىلات كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيىدە بولغان باش مىنىستەر Stephen Harper نى قوللاش يۈزىسىدىن نامايىشى ئۆتكۈزدى. .

خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى سۈيئىستىمال قىلماقتا

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان كانادانىڭ خوڭكوڭدىكى كونسۇلخانىسىدا ئۇزۇن خىزمەت قىلغان دىپلومات Adam ئەپەندى نۆۋەتتىكى كانادا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: راستىنى ئېيتساق، كىشىلەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە خىتاينىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى تېخى تونۇپ يەتكىنى يوق. خىتاي دائىرلىرى سەمىمىيلىك بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشنىڭ ئورنىغا خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئۇيۇنى ئويناۋاتىدۇ. باشقىلارنىڭ ۋاختىنى ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ،" دېدى.

فالۇنگوڭ تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى لىشۈن ئەپەندى بولسا كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىغا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭمۇ قاتناشتۇرۇلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ:

"كىشىلىك ھوقۇققا ھەقىقى ئەھمىيەت بەرگەنلەرلا، كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىغا قاتناشتۇرۇلىشى كېرەك. مەسىلەن Chales Burton نىڭ دوكلاتىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ چەتئەلدىكى مەنپەئەتىنى قوغداش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى قوغداشقا ھېچقانداق قىزىقمايدۇ، دەپ كۆرسىتىلىدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا ۋە ئۇنى ياخشىلاش ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. پەقەت بۇ دىئالوگنى سۈيئىستىمال قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا كىشىلىك ھوقۇققا ھەقىقى ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەر بۇ دىئالوگقا قاتنىشىشى كېرەك"، دىدى.

Charles Burton 10 يىللىق كانادا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى خۇلاسىلىغان دوكلاتتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئەمىلى نەتىجىسى بولمىغانلىقىنى ۋە مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

لۇ شۇمەن: ئەيىبلەش كانادا خىتاي مۇناسىۋىتىگە پايدىسىز

خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ شۇمەن، ئوتاۋادا سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ Stephen Harper رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىدىن بۇرۇنقى لىبېرال ۋە كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى، لېكىن ھازىرقى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئومۇمى قىممەت قارىشى، دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ:

"Stephen Harper ھەمىشە باشقا دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئەيىبلەۋەرمەستىن، كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگ يولىنىڭ ئۇچۇق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىز بىرىمىزنى قاتتىق ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا ئەپۇچانلىق ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيىسى بىلەن بىر- بىرىمىزدىن ئۈگەنسەك، ئورتاق گۈللىنىش جەھەتلەردىن تېخىمۇ ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، دېدى. ئۇ سۆزىدە ئىككى دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن بەكرەك، ئىختىسادىي مەنپەئەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا كانادانىڭ زىيىنىغا

بۇنىڭدىن ئىلگىرى باش مىنىستەر Stephen Harper كانادا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۆز يۇمۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ كانادانىڭ زىيىنىغا بولغانلىقىنى، ئەمدى كانادانىڭ سودا ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىنى قۇربان قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلغانىدى.

كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇلتۇرقى سودا سوممىسى تەخمىنەن 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۇپ، كانادانىڭ سودىدىكى قىزىل رەقىمى 20 مىليارتتىن ئاشىدۇ. كانادا سودا ساھاسىدىكىلەر كانادا خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئەنسىرىمەكتە. ئۇلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكلىك كانادا سودا ساھاسىدىكىلەرنى سودا پۇرسەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ، كانادانىڭ ئىختىسادىي تەرەققىياتىغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىماقتا.

ئامما كانادا Brock ئۇنىۋېرسىتى نىڭ خىتاي مېۋىلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسورى Charles Burton سودا ساھەسىنىڭ بۇ قارىشىغا قوشۇلمايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

"ئەگەر كانادا بازار ۋە سودا تەرەپلەردىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تەخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، خەلقئارا بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ. بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن ئالاقىسى يوق".

Charles Burton نىڭ قارىشىچە، ئەگەر كانادا مەھسۇلاتلىرى ۋە تېخنىكىلىرىنىڭ رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بولسىلا، كانادا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىت قىلغان بىلەنمۇ، خىتاي ئىختىسادىي مەنپەئەتنى دەپ، كانادا بىلەن بولغان سودىدىن ۋاز كېچەلمەيدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى توختىتىش ۋە توختاتماسلىق ھەققىدە ھۆكۈم قىلىشقا تېخى ئەتىگەن

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harperنىڭ پارلامېنت ئىشلىرى كاتىپى جاسون كەننەي بولسا، يىغىندا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان پىكىرلەرنى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ قاراشلىرى ئاساسىدا، بۇ ھەقتىكى دوكلاتنى پات ئارىدا تەييارلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:

"ئۇلار ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك پىكىرلەرنى بەردى. كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، . بىز يىل بېشىدىن بۇرۇن بۇ دوكلاتنى پۈتتۈرۈشكە تىرىشىمىز. ئامما كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى توختىتىش ۋە توختاتماسلىق ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىش ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدۇ"، دېدى.

كانادا خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېپىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى 1997-يىلى باشلانغان بولۇپ، يىلدا بىر قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. (كامىل تۇرسۇن)