ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (1)

2007-10-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنى خىتايدا بارغانچە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە بىر تەپسىلىي دوكلات تەييارلاپ ئېلان قىلدى.

دوكلات جەمئىي 300 بەتلىك بولۇپ، 6 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان. ئامېرىكىنىڭ قانۇنى بويىچە شۇ خىلدىكى دوكلاتلار، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە تاپشۇرۇلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردە، سىياسىي بېسىملار كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ بارماقتا

دوكلاتتا، 2006- يىلىدىن بۇيان خىتايدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش جەھەتتە ئالاھىدە ئىلگىرىلەشلەرنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى، ئەكسىچە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئىزچىل يۈز بېرىپ تۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردە كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقان سىياسىي بېسىملار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، مەزكۇر دوكلاتتا ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان ھالدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەزمۇنلار ئالاھىدە كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى، ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنىڭ ھەرخىل دەخلى-تەرۈزگە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تىل ۋە مەدەنىيەت كرىزىسلىرى ۋە ھەرخىل كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەر تەرەپتىن تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتلىرىنى ئىز چىل پاراكەندە قىلىپ كەلدى

دوكلاتنىڭ كىرىش قىسىمدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى باستۇرغانلىقى ھەققىدىكى بۆلىكىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا ھەرخىل شەكىلدىكى پاراكەندىچىلىكلەرنى سېلىپ كەلگەنلىكى كۆرسىتىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاراكەندە سېلىشىغا ئىزچىل ئۇچراپ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بايرون دورگان: دوكلاتنى ئوقۇسا كىشىنىڭ كۆڭلى غەش بولىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا، كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان كومىتېت رەئىسى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، بايرون دورگان ئەپەندى، دوكلاتنى ئوقۇسا كىشىنىڭ كۆڭلىنىڭ غەش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دەۋر جۇرنىلىدا بۇ دوكلات ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەردە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىكتىن ئىلگىرى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنى بارغانچە ئېغىرلاشتۇرماقتا، دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي قانۇن- تۈزۈلمىسى سىياسىي مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر خىل ۋاسىتە

دوكلاتنىڭ خىتاي قانۇن- تۈزۈلمىسىنى سىياسىي مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر خىل ۋاسىتە سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن قىسمىدا، خىتايدا "دۆلەتنى پارچىلاش " ،"جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزۇش" ۋە "ئاغدۇرمىچىلىق" قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئادۋوكات تۇتۇشى قىيىن بولىدىغانلىقى، ئۇلار ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىلمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى" بىلەن ئەمەس، بەلكى "ئالدامچىلىق قىلىش"، "باج ئوغرىلاش" ۋە "چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتۈش" دېگەنگە ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن جازالاپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۆزىنىڭ ئالىي ئورنىغا تەھدىت دەپ قارىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، ھۆكۈمەت خادىملىرى قانۇنىي سىستېمىنى بىر خىل قاتتىق قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ."

خىتايدا، خىتاي ھاكىمىيىتىگە رىقابەت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى باستۇرۇلىدۇ

دوكلاتنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھوقۇقىغا ئائىت قىسمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بەزى ھوقۇقلىرىنى تونۇيدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى ئەمما، خىتاي ھاكىمىيىتىگە رىقابەت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىنىڭ باستۇرۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ: "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم، تىبەت ئاپتونوم رايونى قاتارلىق رايونلاردا ئاز سانلىق مىللەت ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە رىقابەت ئېلىپ كېلىدىغان تەرەپلىرى، باستۇرۇلىدۇ" دەپ تەكىتلەنگەن.

دوكلاتنىڭ بۇ قىسمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان تىنچ يوسۇندىكى نامايىشلىرىنى قاتتىق باستۇرۇشتىكى كوزىر قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شۇ خىلدىكى ھەرىكەتلىرىنى "بۆلگۈنچىلىك" ياكى " دۆلەت ھاكىمىيىتىگە تەھدىت" دەپ سۈرەتلەپ بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەرغىباتچىلىرىنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

" باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ كۆپ تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن"

دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: "ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىپادىلەيدىغان سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن، 1990 - يىللاردىن باشلاپ ھەرخىل ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان خىتاي ھۆكۈمىتى، 2001- يىلىدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى. بۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ كۆپ تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن."

دوكلاتنىڭ بۇ قىسىمدا، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي تىل مائارىپىنىڭ كۆلىمىنى بارغانچە ئازايتىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كېرەكسىز قىلغانلىقى، ئۆزىنىڭ نارازىلىق پىكىرلىرىنى تىنچ يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز چىل تۈرمىگە تاشلىنىپ كېلىنگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتنىڭ بۇ قىسمىدا يەنە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنى 2005 - يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ داۋالىنىش شەرتى بىلەن كېپىللىككە قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن، رابىيە خانىمنىڭ ئامېرىكىدا ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ تېخىچە ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنى پاراكەندە قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتكەنلىكىنى ۋە 2007- يىلى خانىمنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىملارنى قولغا ئېلىپ ئايرىم - ئايرىغاندا 9 ۋە 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا 4 تۈرلۈك تەكلىپ بېرىلگەن. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت