ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (2‏)


2007.10.18

دوكلاتنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھوقۇقى قىسىمدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بىرلەشمە كومىتېتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى خىتايدىكى مىللىي ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ تۆت تۈرلۈك تەكلىپ بەردى.

تەكلىپتە، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەزمۇنلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشىنى قوللاش كېرەك

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھوقۇقىغا ئائىت تەييارلىغان ۋە ياكى تۈزىتىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئەدلىيە ۋە قانۇن ئىسلاھاتىغا تېخنىكىلىق ياردەم بېرەلەيدىغان ئامېرىكا تەشكىلاتلىرىنى قوللاش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللار قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن سۆز-پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش ۋە شۇ ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا تەۋە شەخسلەرنىڭ ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەپ ئېلىپ بارغان تىنچ يوسۇندىكى ھەرىكەتلىرىنى " دۆلەتنى پارچىلاش"، " دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش" دەپ سۈرەتلەپ جازاغا تارتىش ياكى تۈرمىگە تاشلاش قىلمىشلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇش جەھەتتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش قاتارلىقلار.

بۇ ماددىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىگە زور ئىلھام بېرىدىغان بىر مەزمۇن بار بولۇپ ، ئۇنىڭدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: " شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشىنى قوللاش. مەزكۇر رايوندىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا قويۇلىدىغان چەك تۈپەيلى،( ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەمىنلەيدىغان) شۇ خىلىدىكى ماددىي ياردەم ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. "

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك

تەكلىپتە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان يازما ۋە ئاغزاكى دىئالوگلاردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھوقۇقىنى تەرغىب قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان پۇقرالارنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشكە چاقىرىش، شۇنداق دىئالوگلاردا، ( ياۋا كەپتەر ھەققىدە ھېكايە يازغانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان) ئۇيغۇر يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىن، موڭغۇل كىتاب پۇرۇچ ھادا ۋە تىبەتلىك ئوقۇتقۇچى درولما كياب قاتارلىقلار چوقۇم تىلغا ئېلىنىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە ئائىت ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە بېرىلگەن مەزكۇر تۆت تۈرلۈك تەكلىپنىڭ تۆتىنچى ماددىسىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىدىن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىگە تاشلانغان ۋە ئىزچىل خورلۇققا ئۇچراۋاتقان ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئىقتىسادى ياردەم بېرىش كېرەك

بۇ ماددىدا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەيرانچىلىققا ئۇچراۋاتقان مىللىي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشتىكى تىرىشچانلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، تەكلىپتە مۇنداق دېيىلگەن: " بولۇپمۇ ( خىتاي ھۆكۈمىتى) شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مائارىپ كۆلىمىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئالدى، شۇڭا ۋەيرانچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلات ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئىقتىسادى ياردەم بېرىش كېرەك."

تەكلىپتە يەنە، شۇ خىلدىكى ئىقتىسادى ياردەمنىڭ ئۇيغۇر بالىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىدىغان مەكتەپ ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەت ئىنستىتۇتلىرىغا، ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان تىل ‏- ئەدەبىيات ژۇرناللىرىغا، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان ماتېرىياللارنى توپلايدىغان كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلارنىڭ كاتالوگىنى كىتابلارنىڭ خىتايچە تېمىسى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرچە تېمىسى بىلەن كاتالوگ تۇرغۇزۇش قۇرۇلۇشىغا بېرىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي ئادەم قاچاقچىلىقىغا قارشى كەسكىن بەلگىلىمىلەرنى ئېلىشى كېرەك

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى ئېلان قىلغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ھەققىدە تەييارلانغان مەزكۇر 300 بەتلىك دوكلاتتا، خىتاينىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنس ئايرىمىسى جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق ۋە بۇنىڭغا قارشى ئوز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەرنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، خىتايدا كىشىلەرنىڭ ئەركىن كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقى، ئاياللار مەسىلىسى، ئۇلارنىڭ ئورنى، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ خىتايدىكى ئادەم بېدىكلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئادەم قاچاقچىلىقىغا قارشى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن خىتايدا ئادەم قاچاقچىلىقىغا قارشى كەسكىن بەلگىلىمىلەرنى ئېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردە قولغا ئېلىنغانلار تۈرمىلەردە ئېغىر قىيىن- قىستاققا ئۇچرايدۇ

دوكلاتتا يەنە، گەرچە خىتايدا جىنايەتچىلەرنى قىيناش قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردە قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۈرمىلەردە ئېغىر قىيىن- قىستاققا ئۇچرايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، دوكلاتتا كالىفورنىيىگە جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى دىئالوگ تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، 1990 ‏- يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە " بۆلگۈنچىلىك" ۋە باشقا سىياسىي تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بار دەپ ئىسپاتلانغان شەخسلەرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈمگە قىلىش ئىشلىرى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

ئۇيغۇر ئېلىدە 800 مىڭ ئوقۇغۇچى 2006 - يىلى پاختا تىرىشكە سېلىنغان

دوكلاتنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەمگەككە سېلىش توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن قىسمىدا، خىتايدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈزلۈك يىغىم ۋە باشقا جىسمانىي ئەمگەكلەرگە سېلىنغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدە 800 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ 2006 - يىللىق ئوقۇش يىلىنى پاختا تېرىش بىلەن باشلىغانلىقى، ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قۇلماق يىغىش ئەمگىكىگە سېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتنىڭ بۇ قىسمىدا،" مەزكۇر رايوندىن كەلگەن دوكلاتلارغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇغۇچىلار 12 سائەتلەپ نۆۋەت بىلەن ئەمگەككە سېلىنغان، يارىلىنىش ۋە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا ئەر ئىشلەمچىلەرنىڭ جىنسىي خورلىشىغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈنەرلىك ئاشقان" دەپ كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك قىسمىدا، خىتايدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ۋە تىبەت راھىبلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بوغۇلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، " 2001- يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ، دوكلاتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېغىر دەخلى تەرۇزگە ئۇچراپ كەلگەنلىكى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، كېلەر قېتىملىق پروگراممىمىزدا داۋاملىق تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بارىمىز. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.