ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (4)


2007.10.22

ئۆتكەن ھەپتىدىن بېرى بىز، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بىرلەشمە كومىتېتى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالغا ئائىت ئېلان قىلغان 2007- يىللىق دوكلاتىنى تونۇش تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدۇق. جەمئىي 300 بەتلىك بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەزمۇنلار ئالاھىدە كۆپ بولۇپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى لايغەزەل سىياسىتى، يېزا ئاياللىرىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە ئەكس تەسىر كۆرسەتكەن

دوكلاتنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋە سالامەتلىك قىسمىدا، خىتاي ستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، ئۆتكەن بەش يىل مابەينىدە خىتايدا ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىغا داۋاملىق سەل قارىلىپ كېلىنگەنلىكى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى لايغەزەل سىياسىتى ئاياللار ساغلاملىقىغا بولۇپمۇ يېزا ئاياللىرىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە ئەكس تەسىر كۆرسەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

پەقەت 2005 - يىلدا خىتاي بويىچە يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاياللار تەشكىل قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا " بۇ خىل خاھىش 2006 - ۋە 2007 - يىللىق دوكلات مەۋسۇمىدىمۇ ئىزچىل داۋام ئەتتى" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتنىڭ بۇ قىسمىدا يەنە، گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىزگە قارشى جەڭ قىلىش سالمىقىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئاشۇرغان بولسىمۇ، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ خىتايدىكى ئەيدىز ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى چەكلەپ ئۇلارنىڭ ئەيدىزنى كونترول قىلىشتىكى خىزمەت ئۈنۈمىگە ئېغىر دەخلى قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى تۇنجى ئەيدىز بىمارى 1989- يىلى بايقالغان بولۇپ، 2002- يىلىغا كەلگەندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىدا خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 1 مىليوندىن 1.5 مىليونغىچە بولۇشى مۇمكىنلىكى تەخمىن ئېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھازىر خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ سانى 650 مىڭ نەپەرگە يېتىدىكەن.

لېكىن دوكلاتتا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، مۆلچەر مېتودولوگىيىسى ۋە ئىش تەرتىپىدىكى ئۆزگىرىش جەھەتتىن ئالغاندا، يۇقىرىقى مۆلچەر سان بەك تۆۋەن بولۇپ قالغان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن17 ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ

دەرۋەقە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2006- يىلى 30 - نويابىر ئۈرۈمچىدىن بەرگەن ئەيدىز يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، 2005- يىلى 9- ئايدىن 2006- يىلى 9 - ئايغىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 6000 ئادەم يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن17 ئادەمدىن توغرا كەلگەن. خەۋەردە يەنە، 2006- يىلى 9- ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 60 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى تەييارلىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدىكى دوكلاتتا، 2007- يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا خىتايدا يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 18 مىڭ 543 ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ 2006- يىلىدا يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي سانىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى، خىتايدا ھەر كۈنى تەخمىنەن 200 ئادەمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەيدىز پائالىيەتچىلىرى كەمسىتىشكە ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپ كەلدى

دوكلاتنىڭ بۇ قىسمىدا، خىتايدا ئەيدىز گە قارشى كۈرەش قىلىشى مەلۇم جەھەتتىن مۇئەييەن ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ كەمسىتىشىگە ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن، بۇنىڭ مىسالى ھەققىدە خىتايدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەڭ ئېغىر بولغان خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئەيدىز يېزىسى ‏- شيۇڭچاۋ يېزىسىدا ساقچىلارنىڭ بۇ يېزىغا باستۇرۇپ كىرىپ يەرلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى چاققان ۋە مال بىساتىنى ۋەيران قىلىپ، ھۆكۈمەت ۋەدە قىلغان ئەيدىز كېسىلى داۋالىنىش ياردەم پۇلىنى تەلەپ قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان 13 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا، 2006- ئۆكتەبىردە خىتاي يەرلىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قار لەيلىسى ئەيدىز جەمئىيىتىنى تاقىۋەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، رادىئومىز شۇ ۋاقىتتا ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى چاڭ كۈنگە تەھدىت سالغان ئىكەن.

ئەمما، يەرلىك ساقچى ئىدارىلىرى قارلەيلىسى ئەيدىز تەشكىلاتىنىڭ قانۇنسىز ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى رادىئومىزغا، ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك سەھىيە ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى ھەمدە يەرلىك ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەسلىدە بۇ ئەيدىز تەشكىلاتىنىڭ تاقىۋېتىلىشىگە بىردىن ‏- بىر سەۋەب بولغان نەرسە ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15- ئوتتۇرا مەكتەپتىن ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى سەۋەبلىك مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلگەنلەرنىڭ ماھىيەت جەھەتتە بىر خىل كەمسىتىش ئىكەنلىكىنى ئاخبارات ساھەسىگە ئاشكارىلىغانلىقى بولغان ئىكەن.

خىتايدا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرمۇ كەمسىتىلىشكە ئۇچرايدۇ

ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، خىتايدىكى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە ئۇنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 120 مىليون ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بار بولۇپ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى 400 مىليون ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ 30 پىرسەنتى خىتايدا ئىكەن.

دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، گەرچە مۇتەخەسسىسلەر ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ مەكتەپ ۋە خىزمەت مۇھىتىدا يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كەمسىتىلىشكە ئۇچرايدىغانلىقى ھەمدە شۇ سەۋەب بىلەن خىزمەت ۋە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا 2005- يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بايقالغان 156 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشتىن توختىتىپ قويۇلغانلىقى ۋە 2006- سېنتەبىردە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ خادىملىرىنىڭ، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بايقالغان 19 نەپەر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى مەكتەپتىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي داۋالىنىش سىستېمىسىدا نۇقسانلار بەك ئېغىر

دوكلاتنىڭ خىتاينىڭ داۋالاش سىستېمىسىدىكى نۇقسانلار كۆرسىتىلگەن قىسمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، دېھقانلارنىڭ داۋالىنىش ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولمىغان بولۇپ، 1980- يىللاردا گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يېزا داۋالىنىش سۇغۇرتا سىستېمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما 2003 ‏- يىلغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان سىستېمىنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر سىستېمىنى دەسسەتمىگەنلىكى كۆرسىتىلىپ، 1977- يىلىدىن 2002- يىلغا كەلگۈچە، خىتاي يېزىلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان دوختۇرلارنىڭ سانى 1.8 مىليوندىن 800 مىڭغا چۈشۈپ قالغانلىقى، 80 پىرسەنتتىن ئارتۇق دەۋالاش مەنبەلىرىنىڭ شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەنلىكى، شەھەرلەردە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ يېزىدا ياشايدىغانلاردىن 12 يىل كۆپ بولىدىغانلىقى ھەمدە، يېزىلاردا بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ شەھەرلەردىكىگە قارىغاندا 9 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

خىتاي دېھقانلىرىنىڭ 50 پىرسەنتى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئالمايدۇ

دوكلاتنىڭ بۇ قىسمىدا يەنە، گەرچە 2003- يىلىدىن باشلاپ خىتاي يېزىلىرىدا بىرلەشمە داۋالاش سىستېمىسى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا يولغا قويۇلغان مەزكۇر داۋالاش تۈزۈمىدىكى ئادىللىققا ۋە ئۈنۈمدارلىققا گۇمانىي نەزەر بىلەن قارايدىغان بولۇپ، خىتاي يېزىلىرىدا دېھقانلارنىڭ 50 پىرسەنتى داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى قىممەت كۆرۈپ سۇغۇرتا ئالمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا، يېزىلاردا قازا قىلغان بالىلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك داۋالىنىشقا ئېرىشەلمەي ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئېلىپ بارغان " ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار" ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ھازىر داۋالىنىش چىقىمى بارغانچە ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر چىقىم ئادەتتىكى بىر ئائىلىنىڭ يىللىق ئومۇمىي كىرىمىنىڭ 11.8 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.