بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمىسىدە ئەرزدارلار ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلمەكتە


2006.11.23
kishilik-hoquq-korgezmisi-2.jpg
بىر بىخەتەرلىك ساقچىسى 17 – نويابىر كۈنى بېيجىڭ باشلانغان كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمىسىدە. 10 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ كۆرگەزمىدە 700 دىن ئارتۇق رەسىم، 250 دىن ئارتۇق ھۆججەت ۋە 300 دىن ئارتۇق كىتاب قويۇلغان. AFP

12 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى يەنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى زالىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزمەكتە. لېكىن مۇشۇنداق بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆرگەزمىدە، ياقا يۇرتلاردىن بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز قىلغۇچىلار ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

زىيارەتچىلەردىن ساقچىلار كۆپ

10 ‏- دېكابىر كۈنى يەنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى زالىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمىسى 17 ‏- نويابىردىن 26 ‏- نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، مەزكۇر كۆرگەزمىدە 700 دىن ئارتۇق رەسىم -سۈرەت ۋە 250 دىن ئارتۇق قانۇنغا ئائىت كىتاب ۋە ھۆججەت قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلاردا "مەزكۇر كۆرگەزمىدە خىتايدىكى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى ۋە پۇقرالارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ھوقۇقى قاتارلىقلار تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ؛ مەزكۇر كۆرگەزمە خىتاي قانۇنىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ، ياشانغانلار ۋە مېيىپلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە شۇنداقلا خەلقئارا بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە" دەپ كۆرسىتىلگەن.

لېكىن رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا، ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ ئۆزى 70% نى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى مەزكۇر كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەر بىر سۆز - ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، ئەركىن پىكىر بايان قىلغۇچىلارنى قولغا ئېلىش بولۇپ قالغان. مەسىلەن، مەزكۇر كۆرگەزمىگە قاتناشقان ياققا يۇرتلاردىن بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز قىلغۇچىلار كۆرگەزمىگە قاتنىشىش جەريانىدا، ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان تەشۋىقاتچىلارغا سۇئال قويۇپ، ئۇلارنىڭ يالغان سۆزلىرىگە رەددىيە بەرگەنلىكتىن، ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماختىغۇچىلار

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر كۆرگەزمىگە قاتنىشىۋاتقان ليۇ ئەنجۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆرگەزمە جەريانىدا، خىتاي دائىرىلىرى ياشانغان بىر جۈپ ئەر - ئايالنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ماختاش ھەققىدە سۆز قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان:

"خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ ئىككى ئادەم سۆز قىلىۋاتقاندا، كۆرگەزمىگە كەلگەن بىر قىسىم ئەرز قىلغۇچىلار ‘ئەگەر خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق بولغان بولسا، نېمە ئۈچۈن شۇ قەدەر كۆپ پۇقرالار ئۆي ماكانسىز قالىدىغان ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ؟’ دەپ ئۇلارنىڭ گېپىنى ئۈزۈپ، جاۋاب بېرەلمەس ھالەتتە قالدۇرغان. بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرگەن ساقچىلار دەرھال سۇئال سورىغۇچى گاۋ يۈچىن قاتارلىق 30 ‏- 40 ئادەمنىڭ پېيىغا چۈشۈپ، ئۇلارنى يېقىندىن نازارەت قىلىشقا باشلىغان ھەمدە ئەتىسى ئەتىگەندىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ يېنىدىن ساقچى ئايرىلمىغان ".

سوئال سورىغۇچىلار نازارەت قىلىنغان

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ليۇ ئەنجۈن سۆزىدە يەنە، مەزكۇر كۆرگەزمىگە قاتناشقان زاڭ ليەنشى قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەر "بىز خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتىمىز" دېگەن لوزۇنكىسىنى چىقارغانلىقتىن، ساقچى ماشىنىسىغا بېسىپ ئېلىپ كېتىلگەن. گاۋ يۈچىن قاتارلىق سوئال سورىغۇچىلارمۇ كېچە - كۈندۈز نازارەت ئاستىدا قالغان.

بىز ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىۋاتقان گاۋ يۈچىننىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن قىسقىغىنە سۆھبەتتە بولدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گاۋ يۈچىن ئىشىك ئالدىدىكى ساقچىلارنىڭ نازارەت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۆز نەپرىتىنى باسالماي "كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمىسى قانداق بولدى-دەمسىز؟ زال ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمىسى بولۇۋاتقىنى بىلەن، زال سىرتىدا ئۇنىڭ ئەمەلىي ئەپتى - بەشىرىسى ئاشكارا بولدى" دەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر كۆرگەزمىگە قاتنىشىۋاتقان ليۇ ئەنجۈن كۆرگەزمە باشلىنىپ ئىككى كۈن ئىچىدە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ماجيالۇ دېگەن يەرگە ئەكىتىپ، سولاپ قويۇلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

"كۆرگەزمە ئېچىلغىلى تېخى ئەمدىلا ئىككى كۈن بولدى، بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ 70% تىن كۆپرەكى ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى، ياققا يۇرتلاردىن بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز قىلغۇچىلار كۆرگەزمىگە كېلىشى بىلەنلا ساقچىلار تەرىپىدىن ماجيالۇ رايونىغا تۇتۇپ كېتىلىۋاتىدۇ، بۈگۈن ساقچىلار ئەڭ كۆپ بولغان كۈن، ساقچى فورمىسى كىيىۋالغانلارنىڭ ئۆزىلا 100 دىن ئاشىدۇ".

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات كومىتېتى 22 ‏- نويابىردىن 24 - نويابىرغىچە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە بېيجىڭدا رەسمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن. شۇنداقلا 23 ‏- نويابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېيجىڭغا ۋەكىل ئەۋەتىدىكەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ليۇ ئەنجۈن بۇ جەرياندا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.