دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا بېيجىڭدىكى داۋاگەرلەر قولغا ئېلىنماقتا
2006.12.07
12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى. لېكىن بۇ كۈننىڭ يېتىپ كېلىشى ئالدىدا، بېيجىڭدىكى نۇرغۇنلىغان ئەرزچىلەر ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۆز ئەركىنلىكىدىن ئايرىلماقتا.
كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ھارپىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭدىكى بىر قىسىم ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ساقچىلار ھازىر ھەممىلا يەرگە جايلاشقان بولۇپ، ھە دېسە ئادەم تۇتۇپ، ئادەم قاماش بىلەن ئاۋارە ئىكەن. ساقچىلار ياققا يۇرتتىن كەلگەنلەرنى بېيجىڭدىكى ماجيالۇغا ئاپىرىپ سولاپ قويسا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئۆزىدىكى ئەرز قىلغۇچىلارنى ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇرۇپ ئاپىرىپ، تالاغا چىقىشتىن مەنئىي قىلماقتا ئىكەن.
چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئۆزىدىكى داۋاگەر ۋاڭ شۆشىن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت قىلىنىپ، ئۆيدىن سىرتقا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلىپ، بۇ خىل ئەھۋالدىن قاتتىق نەپرەتلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خوڭكوڭ مىڭباۋ گېزىتىدە بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر خەلقىگە بولغان كونتروللۇقى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، ئۇلار شەھەر ئىچىدىكى ھەر قايسى جايلارغا 260 مىڭدىن ئارتۇق نازارەت قىلىش ئاپپاراتى بېكىتىۋەتكەن. مەزكۇر ئاپپاراتلار ئاساسەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، شەھەر باشقۇرۇش ئورۇنلىرى، شەھەر ھۆكۈمىتى، ئائىلىلىكلەر رايونى، مېھمانخانا، سودا سارىيى، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ھەرقايسى ئىدارە ئورۇنلىرىنىڭ ئەتراپىغا بېكىتىلگەن ئىكەن.
قانۇننى تەشۋىق قىلىش كۈنىدىكى تۇتقۇن
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى يەنى خىتاينىڭ قانۇن تەشۋىقات قىلىش كۈنى ئەتىگەندىلا، نەچچە مىڭلىغان داۋاگەرلەر مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئالدىغا بېرىپ ئەرز سۇنماقچى بولغان. لېكىن ئۇلار مەزكۇر جايدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ساقچى ماشىنىسى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە ئېلىپ كېتىلگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭلىق داۋاگەر تاڭ سىڭگۈي ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى ئەتىگەندىلا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، كەچ سائەت 11:30 دىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ، خىتاينىڭ قانۇن تەشۋىق قىلىش كۈنىدە بۇنداق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئىنتايىن قايمۇققانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى:
"بىر ئايدىن بۇيان، بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى يەنى مەملىكەتلىك قانۇن تەشۋىق قىلىش كۈنى ھەققىدە توختىماي خەۋەر بېرىپ، پۇقرالارغا ‘قانۇنغا تايىنىپ ئۆزەڭلانى قوغداشنى ئۆگىنىڭلار' دەپ سۆزلىمەكتە. لېكىن مەن شۇ كۈنى سائەت 8 لەر ئەتراپىدا ئۆيدىن چىقىپ، 9 بولمايلا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئالدىغا بارغان ئىدىم. بارار -بارماي پۇقراچە كىيىنىۋالغان ساقچىلار مېنى تۇتۇپ، ساقچى ماشىنىسىغا سېلىپ ئەكەتتى"
بىر ئەرزدار: ئۇ چاغدىكى كۆرۈنۈش خۇددى جەڭ مەيدانىغىلا ئوخشايتتى
بېيجىڭلىق داۋاگەر نىيۈلەننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 4 - دېكابىر كۈنى ئەتىگەندە، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىغا نەچچە مىڭلىغان داۋاگەرلەر يىغىلغان ئىكەن، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركۈملەپ ساقچى كېلىپ، مەزكۇر جايدا رەسمىي ھەربى ھالەت يۈرگۈزگەن، ساقچىلار ئۆز ماشىنىلىرى بىلەن سىرتقى ئۆلكىلەردىن كەلگەن داۋاگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ماجىيالۇغا، يەرلىك داۋاگەرلەرنى ھەر قايسى رايونلارغا ئېلىپ كەتكەن:
"ئۇ كۈنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىغا بارغانلار نىڭ ھەممىسى دېگىدەك ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى، ھەممىلا جايدا دېگىدەك ساقچىلار بار، ئۇلار كىمنى كۆرسە شۇنى تۇتۇپ، بەكمۇ غالجىرلاشتى. سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ساقچى ماشىنىسىغا بېسىپ، ماجيالۇغا ئېلىپ كەتتى. يەرلىكلەرنىمۇ تۇتۇپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ يەنە 4000 – 5000 دەك ئادەم ئۇدۇل جۇڭنەنخەي تەرەپكە قاراپ مېڭىشقا باشلىغان. لېكىن 10 نەچچە مىنۇت ئىچىدە نەچچە ئونلىغان ساقچى ماشىنىسى كېلىپ كىشىلەرنى تۇتۇپ كەتتى؛ قالغانلارنى قورشىۋالدى. ئۇ چاغدىكى كۆرۈنۈش خۇددى جەڭ مەيدانىغىلا ئوخشايتتى" .
ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان ئۇلۇغ ئىرا گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە مەلۇم قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ قانۇن تەشۋىق قىلىش كۈنى بېيجىڭدىكى داۋاگەرلەر پەقەت مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئالدىدىلا ئەمەس بەلكى تيەنئەنمىن مەيدانى ۋە شىنخۇامىن ئەتراپىغىمۇ يىغىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇقى ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىشى مۇمكىن
- بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا، ھەربى ھالەت ئېلىپ بېرىلماقتا
- بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمىسىدە ئەرزدارلار ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلمەكتە
- خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭغا رەددىيە
- خىتاي ھۆكۈمىتى مارالبېشىدىكى توي قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى كوللىكتىپ توي قىلىشقا مەجبۇرلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى تۈپەيلى ئۇيغۇرلار ئەڭ ئەقەللى ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قالماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرمەكتە
- تيەنئەنمىن مەيدانىدا، ئەرز قىلغۇچى ئۆز قارنىنى يېرىپ ئۆلۈۋېلىشكە ئۇرۇندى
- خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى كوفى ئاننانغا خەت يازدى