ئۇيغۇرلار دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خاتىرىلىدى
2007.12.10

2007 - يىلى 10 - دېكابىر، دۈشەنبە كۈنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى ئومۇمى ئەھدىنامىسى ماقۇللانغانلىقىنىڭ 59 يىللىقى تولغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دەۋرىمىزدە يەنىلا تالاش - تارتىشتىكى زور مەسىلە بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا داۋام قىلماقتا ۋە بۇ نۇرغۇن توقۇنۇشلارغا سەۋەبچى بولماقتا. دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىش ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئا ئۇ ج: خىتاي ئولىمپىك ۋەدىسىدە تۇرمىدى
ئامېرىكىنىڭ شەرقىي دېڭىز ساھىلىدىكى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان بەلگىلىك ساندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار، بۇ يىلقى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈش بىلەن كۈتۈۋالدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشىدىكى بۇ قېتىمقى نامايىش، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى شەرت- شارائىتى يار بەرگەن ئەللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش قىلىش چاقىرىقىغا ئاساسەن ئويۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا پاكىتسىز ئۆلۈم جازاسى بېرىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى نامايىش ھەققىدىكى باياناتىدا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى يىغىلىشنىڭ مەقسىدى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ۋاقتىدا 2008 - يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بېرىلسە، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ،" ئەمما بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋېلىپلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەپسەندە قىلدى. تېخى ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدىلا خىتاي ھۆكۈمىتى مەخپىي سوت ئېچىپ، پاكىتسىز ھالدا 4 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى، ئىككىسىگە كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بەردى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز دەپسەندە قىلىشىغا قاراپ ئولتۇرماسلىقىمىز كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن.
خىتايدا سىياسى مەھبۇسلار سانى كۆپەيگەن

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، بۇ قېتىمقى يىغىلىشنىڭ رىياسەتچىسى ئالىم سېيىتوف، رادىئومىزغا ئەلچىخانا ئالدىدىكى يىغىلىشنىڭ مەقسىدى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى ۋە تەن جازاسى بېرىش قىلمىشىغا تارتىشتۇر، دېدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تالاشقان چاغدا بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ كۆپ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
ئامېرىكىنىڭ سان - فرانسىسكو شەھىرىدىكى سۆھبەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي سىياسىي مەھبۇس، دەپ ئېتىراپ قىلغان تۈرمىدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ سانى 2006 - يىلى ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا بىر ھەسسە كۆپەيگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى دوكلاتىدا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ رەھبىرى، كىشىلىك ھوقۇق يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئالىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ئىسىملىك ئوغۇللىرى مۇشۇ مەزگىلدە "بۆلگۈنچىلىك" بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.
ئۇيغۇر نامايىشچى: ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ
دۈشەنبە كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىش سەۋەبى ۋە ئەندىشىسى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش بىلەن چەكلەنمەيدۇ. قاسىم ئەپەندى ئەلچىخانا ئالدىدىكى ئۇيغۇر نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، ئۇ رادىئومىزغا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي يۆتكەشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن بۇ يەردە ھازىر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش نامى ئاستىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش سىياسىتى ئاخىرقى كۈنلەردە تاشقى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭلا ئەمەس، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەم دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالماقتا ئىدى.
لاگون: تۇغۇت يېشىدىكى ياشلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەش تاساددىپىي ئەمەس
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، باش ئەلچى مارك لاگون، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا جون خوپكېنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مەكتىپىدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسىنى تېما قىلغان بىر يىغىندا ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، بولۇپمۇ تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر قىزلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەش بىر تاساددىپىي ۋەقە ئەمەس، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
مارك لاگون، شۇ قېتىمقى يىغىندا: "مەن ئۆزەمنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى دىيەلمىسەممۇ، لېكىن مەن رابىيە قادىر بىلەن پاراڭلاشقان. ئۇنى مىڭلىغان ياش قىزلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن خىتايلارنىڭ نەزىرىدىكى شىنجاڭدىن ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېلىۋاتقانلىقى ئەندىشىگە سالماقتا. خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئۇلارنى ياخشى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، ياش ئۇيغۇر قىزلارنى بولسا ئىچكىرىگە يۆتكەشنى تاساددىپىي، دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى تۇغۇت يېشىدىكى ياشلاردۇر "دېگەن ئىدى.
ئامېرىكا : بىز ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلىرى سېپىدە
خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش سائەت 3:00 لەردە باشلىنىپ، سائەت 6:00 لەرگە قەدەر داۋام قىلدى. ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خاتىرلىگەن شۇ كۈنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن قۇربان بېرىۋاتقان كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى. باياناتتا " بىز ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن زىيانكەشلىك قىلىنىش، تەن جازاسىغا ئۇچراش، قولغا ئېلىنىش ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بېرىمىز " دەپ كۆرسەتتى.
قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارىماي، ۋاشىنگتوندا شۇ كۈنكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 12 گرادۇس بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلەش نامايىشى ھۆل - يېغىن ھاۋاسىدا ئۆتتى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گوللاندىيىدە " ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىگە ئەركىنلىك" دېگەن شۇئار ئاستىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- دېموكراتىيىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تەسىرى
- رابىيە خانىم "بىرلا ئىنقىلاب - ياۋروپا ئۈچۈن زوراۋانسىز لايىھە - لىبېراللىق " يىغىنىغا قاتناشتى (1)
- 16 - قېتىملىق چېگرىسىز مۇخبىرلار مۇكاپاتى پارىژدا تارقىتىلدى
- خىتاي زىيالىيلار " ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرۇلۇق ئوچۇق خەت يازدى
- خېفېي توپچى قىسىملار ئىنىستىتوتىدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ نىشانى ساختا ئۇنۋانغا قارشى تۇرۇش
- بىڭتۈەن - ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى مۇستەقىل ئىمپېرىيە (1)
- " خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى جىنايى قىلمىشى ئەڭ ئېغىر ھوقۇقدارلار گۇرۇھىدۇر"
- ئامېرىكا بىلەن خىتايدىكى پەرقلەرنى بىلىشكە قىزىققۇچىلار ئۈچۈن ئۇچۇرلار (2)
- تۇرپاندىكى نامايىش يەنە داۋاملاشماقتا
- ساركوزىي كىشىلىك ھوقۇقى ۋە خەلق پۇلى مەسىلىسىدە خۇ جىنتاۋغا نەسىھەت بەردى
- قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى كۆپەيمەكتە
- ئالبانىيىدە ياشاۋاتقان ئادىل شۋېتسىيىگە يىتىپ كەلدى