0:00 / 0:00
كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار 10- دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى كۈنىنى يەنىلا ۋانكۇۋېر شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش بىلەن كۈتۈۋالدى.
ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن پائالىيىتىدە، شام يورۇقىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىگە ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.