كەچۈرۈم تەشكىلاتى: كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى ۋاقتىنچە توختىتىش كېرەك


2006.11.10
alex.jpg
كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمىنىڭ باش سېكرېتارى Alex Newe.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلىمى كانادا ھۆكۈمىتىدىن خىتاي دائىرلىرى بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى ھەمدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قارىتا يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلماقتا.

كانادا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارى Alex Newe پارلامېنت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتنىڭ يىغىنىدىن كېيىن، كانادادا چىقىدىغان "شىڭداۋ" گېزىتىگە بايان قىلىشىچە، كانادا پارلامېنتىدىكى ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا ئىكەن. ئۇلار نۆۋەتتە خىتايدا تىبەتلىكلەر، ئۇيغۇرلار ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنماقتا، دىنغا ئېتىقات قىلىدىغانلار زەربىگە ئۇچرىماقتا، ئۆلۈم جازاسى بېرىش يەنىلا داۋاملاشماقتا، دەپ قارايدىكەن.

Alex Newe نىڭ بىلدۈرۈشۈشىچە، ھازىر كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قارىتا يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغان ۋاقىتى يېتىپ كەلگەن. ئۇ، كانادا پارلامېنتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى - ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد-سودا ۋە كۆچمەن قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە كىشىلىك ھوقۇق مەركەز قىلىنغان ئىستراتېگىيىنى بېكىتىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەت كىشىلىك ھوقۇقنى يادرو قىلىشى شەرت

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كانادادىكى خىتاي بىلەن ئالاقىدار ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن تەركىپ تاپقان، كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمە گۇرۇپپىسى نامىدىن كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper غا يېزىلغان ئۇچۇق خەتتىمۇ كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ قاتمال ھالەتكە كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ۋەقەلىرى كۈچەيگەنلىكى، كانادانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە يوچۇقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى ۋە خىتايغا قاراتقان سىياسەتتە ئىزچىللىقنىڭ بولمىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ۋاقتىنچە توختىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.

كانادانىڭ خىتايغا قاراتقان پۈتكۈل سىياسىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى مەركەز قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن بۇ ئۇچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلگەن:

"بىز خىتاي كانادا ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە تۈپتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشنى، يېڭى ئىستراتېگىيە ۋە مېخانىزملارنى يولغا قويغاندا، كىشىلىك ھوقۇقنى چىقىش قىلىشنى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، ھەقسىز ئىختىسادىي ياردەم ۋە كۆچمەن قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە، كىشىلىك ھوقۇقنى شەرت قىلىپ قوشۇشنى، شۇنداقلا نۆۋەتتە خىتايدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىمىز"

كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ئۇچۇق خەتتە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە قايتا ئويلىنىشى ئۈچۈن، كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ۋاقتىنچە توختىتىش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئامما بۇ سۆھبەتنى پۈتۈنلەي توختىتىشنى تەشەببۇس قىلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

كانادادىكى ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى Corol Samdup “Globe And Mail” گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىش ۋە بۇ مەسىلە ھەققىدە قايتا ئويلىنىش ئىنتايىن ياخشى خەۋەر. بۇ دىئالوگ ھازىر رەسمىيەتكىلا ئايلىنىپ قالدى. كىشىلىك ھوقۇققا خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ھەقىقى مەنىسىنى يوقاتتى، دېگەن.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى توختاتماسلىق ھەققىدە كاناداغا تەھدىت قىلغان

ئامما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان "شىنخۇا ئاگېنتلىقى" غا قاراشلىق "يەرشارى ۋاقىت" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەكتە" ناملىق ماقالىدا، كانادا ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى راستىنلا توختاتسا ۋە خىتايغا بېرىدىغان ئىختىسادىي ياردەمنى بىكار قىلسا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جىددى دىپلوماتىيە كرىزىسى كېلىپ چىقىدۇ، دەپ، كانادانى ئاگاھلاندۇرغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەتبۇئاتلاردا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى توختاتماقچى ھەم خىتايغا بېرىدىغان ھەقسىز ئىختىسادىي ياردەمنى بىكار قىلماقچى بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققان ۋە كانادا باش مىنىستىرىنىڭ پارلامېنت ئىشلىرى كاتىپى Jason Kenney بۇلارنى رەت قىلغانىدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس

كانادا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى Jane Petterson نىڭ قارىشىچىمۇ، 1997 –يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كانادا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ ئەمىلى بىر نەتىجىسى بولمىغان:

"ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئۆتكۈزگىلى 8- 9 يىل بولدى. ئامما ئىلگىرىلەش بولمىدى. بۇ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.. بىز خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان يەڭى بىر يول ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك. ئامما مەن خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى توختۇتۇش كېرەك دەپ قارىمايمەن".

كانادانىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىدا سىياسى مەسلىھەتچى بولۇپ تۇرغان، كانادادىكى نوپۇزلۇق خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور Charles Burton 10 يىللىق كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى خۇلاسىلەپ، پارلامېنتتا سۇنغان دوكلاتىدا، كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ سۆھبەت گۈلدۈرى بار ئەمىلىيەتتە يامغۇرى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى، ھازىر ئۇ تۇيۇق يولدا، دېگەن خۇلاسىنى چىقارغانىدى

خىتايدا ئادۋوكاتلارمۇ تۈرمىلەرگە تاشلانماقتا

كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى Jane Petterson ئىقتىساد يۇقۇرى سۈرەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان خىتايدا يەنىلا پۇقرالارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە خىتايدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۇ سۆھبەتكە قاتناشتۇرۇلسا بۇنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكىسى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ:

"كۆپلىگەن كىشىلەر بىر دۆلەتنىڭ ئىختىسادىي تىز سۈرەتتە تەرەققى قىلسا، ئۇنىڭغا ماس ھالدا، ئۇ دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئامما خىتايدا ئىختىساد يوقۇرى سۈرەتتە تەققى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئادەتتىكى پۇخرالارلا ئەمەس بەلكى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋۇكاتلىرىمۇ ئۆزلىرىنى تۈرمىلەردە كۆرمەكتە"

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشۈشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرلىرى بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ دەرۋازىسىنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىش كېرەككەن.

كانادا پارلامېنت ئەزاسى، باش مىنىستەر Stephen Harper نىڭ پارلامېنت ئىشلىرى كاتىپى Jason Kenney ، كانادا - خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يولنى تېپىپ چىقىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.