خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتايدىكى'قارا تۈرمىلەر' ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

مەركىزى نيۇيوركتىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى " قارا تۈرمىلەر" مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-11-12
Share

خىتايدىكى" قارا تۈرمىلەر" مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي تور بەتلىرىدە مۇنازىرە قىلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتايدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پىكىر ئېقىمىدىكىلەر، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ كەلگۈچىلەرنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيىتى بولمىغان ھەم سوتنىڭ ھۆكۈمىسىزلا بۇ جايلارغا سولىنىپ، جازالىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بوشۈن قاتارلىق تور بەتلىرى ھەم خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى كۆپ قېتىم خەۋەر بەرگەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇزۇن مەزگىللىك كۆزىتىش، ئۇچۇر توپلاش ھەم خىتايدىكى قارا تۈرمىلەردە يېتىپ چىققان 38 نەپەر خىتاي پۇقراسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلغان.

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە بۇ "قارا تۈرمىلەر"، خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭ ھەم باشقا ئۆلكىلىرىدىكى چوڭ شەھەرلەرگە تارقالغان بولۇپ، ئادەتتە كىچىك مېھمانخانىلار، تۇرالغۇ بىنالار ياكى تاشلىۋېتىلگەن زاۋۇت بىنالىرى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. كۆپىنچە چاغلاردا ئەرزدارلار ئەرزىيەت ئىدارىلىرىغا ئەرز قىلىش ئۈچۈن بارغان چېغىدا، ئۇلار يەرلىك دائىرىلەر ئەۋەتكەن ئاتالمىش ھۆكۈمەت خادىملىرى ياكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ بۇ جايلارغا سولىنىدىكەن. ئەرزدارلار سولاق مەزگىلىدە، تاماق يېيىش ھەم ئۇخلاش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىدىغان بولۇپ، ھەتتا تاياق يېيىش، قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش جىنسى پەسكەشلىككە ئۇچراش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرايدىكەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتىغا قارىتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولماقتا.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ مۇخبىرنىڭ، " كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، بېيجىڭدا " قارا تۈرمىلەر" مەۋجۇت دەيدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارغا قارىتا قانداق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى؟" دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "مەن سىزگە شۇنداق جاۋاب بېرەلەيمەنكى، خىتاي دۆلىتىدە " قارا جىلغىلار" مەۋجۇت ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. خىتايدا مەركىزى ھۆكۈمەتتىن تارتىپ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگىچە بىر ئىدىيىنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرگەن، ئۇ بولسىمۇ خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىگە قۇلاق سېلىش. ئەگەر پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىگە قارىتا نارازىلىق پىكىرلىرى بولسا، ئۇلار قانۇنى رەسمىيەتلەر ھەم نورمال يوللار ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرى قوغدىلىدۇ. خىتاينىڭ ئەدلىيە قانۇن ئورگانلىرىمۇ ھەر خىل دېلولارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئاممىنىڭ ھەقىقانىي، قانۇنغا ئۇيغۇن مەنپەئەت - ھوقۇقلىرىنى قوغدايدۇ."

چىن گاڭنىڭ خىتايدا " قارا تۈرمىلەر" نىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ دېگەن بۇ سۆزىگە قارىتا، ھازىر نيۇيوركتا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خې چىڭليەن خانىم مۇنداق دېدى: "ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن چېغىدا ئامال قىلىپ، چوڭ يېغىرىنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىشكە، كىچىكرەك ئىشلار بولسا ئۇنى يوق قىلىۋېتىشقا ئۇرۇنىدۇ. چىن گاڭنىڭ بۇ قېتىم كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدىكى پاكىتلىق مەسىلىلەرنى كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ ئىنكار قىلىشى مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك."

خې چىڭليەن خانىم خىتايدىكى ئەرزدارلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان " قارا تۈرمىلەر" نىڭ ئەھۋالىنىڭ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " خىتايدا قارا تۈرمىلەر كومپارتىيە ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغان بۇ 60 يىلدىن بۇيانلا بار ئىدى. بولۇپمۇ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە خىتايدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدىلا بۇنداق قارا تۈرمىلەر كۆپىيىپ كەتتى، ئىلگىرى پەقەت خىتايچە مەتبۇئاتلاردا بۇ مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. مانا ھازىر بۇ مەسىلە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئىنگلىز تىلىدا ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا تېخىمۇ جىقراق ياردىمى بولىدۇ دەپ قارايمەن. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى ئارقىلىق ھەل قىلسا، بۇنىڭ ئۈنۈمى ئەلۋەتتە تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن."

خې چىڭليەن خانىم بۇنداق "قارا تۈرمىلەر" نىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھازىر كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇلارنىڭ ھەقىقىي ئورنىنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئەھۋالنى بىلىدىغان ئۇيغۇرلار بولسا، بۇ مەسىلىلەرنى بىۋاسىتە ھالدا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىغا ئىنكاس قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى: " تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر جايلار ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇ جايلاردىكى يەرلىك خەلق كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن دەپسەندە قىلىنىپلا اقالماستىن، بەلكى يەنە قوشلاپ مىللىي زۇلۇمغا ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى سىياسىي بېسىم تېخىمۇ ئېغىر، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن بۇ جايلاردا "مىللىي بۆلگۈنچىلەر"، " دۆلەتنى پارچىلاش قەستىدە بولغانلار"نى سولايدىغان " قارا تۈرمىلەر" نىڭ تېخىمۇ جىق بولۈشى تەبىئىي. شۇڭا ئەھۋالنى بىلىدىغان ئۇيغۇرلار بۇ خىل " قارا تۈرمىلەر" نىڭ تارقالغان ئورنى، بۇ يەرگە قامالغان كىشىلەرنىڭ يۇرتى، ئىسىم- فامىلىسى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتلىرىغا يەتكۈزسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن رابىيە قادىر خانىم بۇ جەھەتتە جىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىدۇ. بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى دۇنيا كۆز تىكىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ھازىرقى مۇھىم مەسىلە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك ئەھۋالىنى بىلىدىغان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە مىللىي زۇلۇمغا ئائىت ئۆزى بىلىدىغان ھەر قانداق بىر ئەھۋالنى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا يەتكۈزۈشكە تىرىشسا، بۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا پايدىسى بار دەپ قارايمەن."

قەدىرلىك ئوقۇرمەن دوستلار، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتايدا پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەرزدارلار ھەم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى سولايدىغان "قارا تۈرمىلەر"نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان " قارا تۈرمىلەر" گە سولىنىپ، ناباب مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقان پۇقرالار ھەققىدىكى بايانلار، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ئەھۋالنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

پىكىرلەر (3)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

Anonymous says:
Nov 12, 2009 05:16 PM

ﭼﯩﻦ ﮔﺎﯓ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺖ ﻫﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﯪﻫﺎﯕﺪﺍ ﻗﺎﯞﺍﭖ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ!
ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺳﯘﯪﻝ ﺳﻮﺭﺍﻟﺴﯘﻥ ،ﯰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﯮﺧﺸﺎﺵ!
ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﮔﻪﭖ ﯪﻗﻤﺎﻳﺪﯗ! ﺑﯩﺴﯩﻢ ﯬﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝ!

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.