كىشىلىك ھوقۇق ئولىمپىك مەشئىلى ئامستېردامغا كەلدى

0:00 / 0:00
Afina- Qarshi-200.jpg
بۇ كىشلىك ھوقۇق مەشئىلىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئافىنادىكى كۆرۈنۈشى. AFP Photo

بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش كىشىلىك ھوقۇقى ئولىمپىك مەشئىلى بۇ يىل 8 ‏- ئايدا گرېتسىيە پايتەختى ئافېنادا باشلىنىپ، رومانىيە، ئاۋستىرىيە، سلاۋاكىيە، لىتۋا قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆتكەن ھەپتە گوللاندىيە پايتەختى ئامستېردامغا يېتىپ كەلدى ۋە ئامستېردامدا كۈتىۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

گوللاندىيە، كىشىلىك ھوقۇقى مەشئىلى بېسىپ ئۆتىدىغان ئەللەر ئىچىدە سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى زور دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئەھمىيىتى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ گوللاندىيىگە جايلاشقانلىقى شۇنداقلا گوللاندىيە خىتاي ساياھەتچىلىرى ئەڭ كۆپ ساياھەت قىلىدىغان دۆلەت بولغانلىقىدۇر. كىشىلىك ھوقۇقى زىيانكەشلىكى، فالۇنگوڭ ۋە دىنىي گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش، ئۆلۈم جازاسى شۇنداقلا تىبەت ھەم ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرۈشنى مەقسەت قىلغان كىشىلىك ھوقۇقى مەشئىلى، گوللاندىيىدە ئالدى بىلەن خەلقئارا سوت مەھكىمىسى جايلاشقان گائاگا شەھىرىگە ئۇلاشتۇرۇلدى ۋە بۇ يەردىن پايتەخت ئامستېردامغا يەتكۈزۈلدى. ئامستېردام خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمەت ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ كۆرۈشكە ئالدىرايدىغان ساياھەت مەنزىلى بولۇپ، ئامستېردامدىكى " قىزىل چىراغ رايونى" خىتاي ساياھەتچىلىرىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان ساياھەتگاھلارنىڭ بىرىدۇر. شۈبھىسىزكى ، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش كىشىلىك ھوقۇقى ئولىمپىك مەشئىلى، ئامستېردام ۋە گائاگادىكى خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماي قالمايتتى.

"ئۇيغۇر ئىلى خىتاينىڭ تېمىشۋاراسى بولۇپ قالىدۇ "

گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىشنى قوللايدىغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى بەختىيار شەمشىددىن، كىشىلىك ھوقۇقى مەشئىلىنى ئامستېردامدا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە گوللاندىيىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى. كىشىلىك ھوقۇقى مەشئىلى ئامستېردامغا كېلىش سەپىرىدە بېسىپ ئۆتكەن ياۋروپا شەھەرلىرىنىڭ بىرى، رومانىيە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەھەر تېمىشۋارادۇر.

تېمىشۋارا، رومانىيىنىڭ كىچىك بىر كۆمۈر سانائەت مەركىزى بولۇشىغا قارىماي، 1990 ‏-يىللاردىكى دۇنيا سوتسىيالىزىم لاگىرىنىڭ يىقىلىش دەۋرىدە نامى چىققان مەشھۇر بىر جاي. بۇ شەھەردە 1989 ‏- يىلى رومانىيە دىكتاتۇرى نىكجولاي چىئوسىسكوغا قارشى كۆتۈرۈلگەن خەلق قوزغىلىڭى، رومانىيىدە سوتسىيالىزمنىڭ يىقىلىش ۋە چىئوسېسكو ھەم خانىمى ئېلىنا چىئوسېسكونىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 ‏- يىلى تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار رەھبىرى ئۆركەش دۆلەتنى "ئۇيغۇر ئىلى خىتاينىڭ تېمىشۋاراسى بولۇپ قالىدۇ دېدى " دەپ ئەيىبلىگەن . 4 ‏- ئىيۇن دېموكراتىيە ھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، ھازىر فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە ياشايدىغان جاڭ جيەن، كىشىلىك ھوقۇقى مەشئىلىنىڭ ئامستېردامغا كېلىشىنى قارشى ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ۋەكىلى. ئۇ، ئامستېردامدىكى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ھەققىدە مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دەيدۇ. "بىز ھازىر ئامستېردامدا تۇرۇۋاتىمىز. ئامستېردام گوللاندىيىنىڭ ئەڭ قەدىمى ۋە سۇ ئۈستىدىكى ۋېنىتسىيىگە ئوخشايدىغان شەھىرى. بۈگۈن يەنە بۇ يەردە ئىككى مەشھۇر پۇتبول كوماندىسى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن مەيداندا ئادەم ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭدىن سىىرت يەنە ،پائالىيىتىمىزگە قاتنىشىۋاتقان گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى خېلى كۆپ."

" كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى زىيانكەشلىكى بولمىغان ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشنى قوللايمىز "

كىشىلىك ھوقۇقى مەشئىلىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئامستېردامنىڭ مەشھۇر ساياھەت مەنزىلگاھى دامۇ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. كانادا تەۋەلىكىدىكى ئادۋوكات، ب د ت نىڭ سابىق سوتچىسى دەيۋىد ماتاس ئامستېردامدىكى مۇراسىمدا سۆز قىلغان چەتئەللىك كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، نۇتقىدا ئولىمپىك يىغىنىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشنىڭ 6 شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەگەر ئولىمپىك يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولسا، ھەر قانداق كىشىنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى فالۇنگۇڭ تەرىقىتى، ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇھلارغا قاراتقان بۇزغۇنچىلىقىنى توختىتىش، گاۋ جىشىڭغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقنى ياقلىغۇچى ئادۋوكاتلارنى قويۇۋېتىش قاتارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىسا، بىز ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللايمىز، دەپ تەكىتلىگەن.

گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بەختىيار شەمشىدىن، كىشىلىك ھوقۇقى مەشئىلىنىڭ ئامستېردامغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتنى قوللاشتىكى سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردى. پائالىيەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ رادىئومىزغا ئەسكەرتىشىچە، شۇ كۈنى دامۇ مەيداندا ئادەملەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، پائالىيەتنى ئويۇشتۇرغۇچىلار بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقاتقان ۋە ئاقبوز رەختكە خىتاي خەلقىنىڭ كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى زىيانكەشلىكى بولمىغان ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايمىز، دېگەن مەزمۇندا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، گوللاندىيىلىكلەر ۋە گوللاندىيىدىكى چەتئەللىك ساھايەتچىلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىگە دىققىتىنى قوزغىماقچى بولدى. (ئەركىن)