"ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" ۋە "خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى" گېرمانىيىدە

2006-09-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ، گېرمانچە نەشىر قىلىنغان "ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" ۋە "خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى" ناملىق ئىككى كىتابچە، گېرمانىيە پۇقرالىرى ئارىسىدا كەڭ تارقىتىلماقتا.

بۇ كىتابچىلار، خىتاي تارىخچىلىرى، چەتئەل تارىخچىلىرى ۋە ئۇيھۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقئارادىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان ئىلمىي ئەسەرلىرىنى مەنبە قىلغان بولۇپ، ھەر بىر پىكىر، ھەر بىر تارىخى ۋەقەنىڭ قايسى مەنبەدىن ئېلىنغانلىقى ھەم ئۇنىڭ دەلىل – ئىسپاتلىرى كىتابنىڭ ئىزاھات قىسمىدا ئېنىق ئەسكەرتىلگەن. ئەسەر مەزمۇنىنىڭ ئىلمىي ھەم ئىشەنچىلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش يۈزىسىدىن قوللىنىلغان بۇ ئۇسۇل، "ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" ۋە "خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى" ناملىق بۇ ئىككى كىتابچىنىڭ قايىل قىلىش ھەم تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئالاھىدە ئاشۇرغان.

"ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى"

"ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" ناملىق ئەسەرنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېتنىك مەنبەسى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 200 – يىللاردا ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولغان بۈيۈك زېمىن كۆلىمى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان سەلتەنەتلىك ئىمپېرىيىلىرى ۋە دۆلەتلىرى قىسقىچە بايان قىلىنغان. شۇنداقلا، 1876 – يىلى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ مانجۇلار تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنىپ، 1884 – يىلى 11 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن ئېتىبارەن "شىنجاڭ" دېگەن نامدا ئاتىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ 1933 – يىلى ۋە 1944 – يىلى ئىككى قېتىم "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" نى قۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاسارەتلىك تارىخىغا خاتىمە بەرگەن بولسىمۇ، 1949 – يىلى يەنە خىتاي ئىستىلاسىغا دۇچار بولغانلىقى شەرھىلەنگەن.

ھەجمى كىچىك ۋە مەزمۇنى مول بولغان بۇ ئەسەردە يەنە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر يېزىقى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، پەن – تېخنىكىسى، قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، تىبابەت ئىلمى، بىناكارلىق، ھەيكەلتاراشلىق، سەنئەت ۋە مۇزىكا ئىلىملىرىگە قەدەر كەڭ تونۇشتۇرۇلغان.

"خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى"

"خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى" ناملىق كىتابچىنىڭ ھەجمى ۋە مەزمۇنى بىر قەدەر زور بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تارايتىلغان زىمىن كۆلىمى، ئازايتىلغان نوپۇس سانى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى، مەدەنىيەت – سەنئىتىنى، تارىخىنى ۋە بارلىق ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرى ئەمەلىي پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلار، پىكىر ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، سۆز ئەركىنلىكىنىڭ قايسى دەرىجىدە قامال قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان پاجىئەلەر، بۈگۈنكى خىتاي سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى قاتارلىق چوڭ تېمىلار ناھايىتى كەڭ يورۇتۇپ بېرىلگەن. پۈتۈنلەي چەتئەللىك زاتلارنىڭ قەلىمى بىلەن تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلىكلەرنىڭ پاكىت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشى، مەزكۇر ئەسەرنى زور ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلغان.

بۇ كىتابچە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، خىتاينىڭ "شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى" دېگەن سەپسەتىسىگە بەرگەن كۈچلۈك رەددىيە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شۇنداقلا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلىۋاتقان بۈگۈنكى ياسالما تارىخلىرىنى رەت قىلىدىغان زور دەلىل سانىلىدىكەن.

"ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" ۋە "خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى" ناملىق بۇ ئىككى كىتابچە، ئۆز مىللىتىنى گېرمانلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە چۈشەندۈرۈش مەقسىدىگە يېتەلمىگەن گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ياخشى بىر دەستۇر بولۇپ قالغان. د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى ۋە ھەر ساھە ئۇيغۇرلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى بىلەن بۇ كىتابچىلار نۆۋەتتە، گېرمانلار ئارىسىدا كەڭ تارقىتىلىپ، ناھايىتى ياخشى تەسىر پەيدا قىلغان.

د ئۇ ق تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان "ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" ۋە "خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى" ناملىق بۇ ئىككى كىتابچە، ياۋروپا مىقياسىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە نىسبەتەن تولۇق مەلۇمات بەرگەن تۇنجى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. (ئەكرەم)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت