خىتاينىڭ 2007 ‏- يىللىق كۆك تاشلىق كىتابى ھەققىدە مۇلاھىزە


2007-02-23
Share

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىيىمىسى ئېلان قىلغان 2007 ‏- يىللىق كۆپ تاشلىق كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ مەسىلە يەنى " خىتايدىكى مۇلازىمەت خىزمەتلىرىنى قىلغۇچىلار سانى خەلقئارا ئۆلچەمدىن كۆپ تۆۋەن" دەپ كۆرسىتىلگەنلىكى نۇرغۇنلىغان قارشى پىكىرلەرگە دۇچ كەلمەكتە. كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر،"2007 ‏- يىللىق كۆك تاشلىق كىتاب" تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر خىتايدىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن ئەمەس، مەزكۇر كىتابتا خىتايدىكى مۇلازىمەت ئورنىدا ئىشلەۋاتقانلار سانى توغرا مۆلچەرلەنمىگەن ھەمدە مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىقتىدارىمۇ بەكلا تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن " دەپ كۆرسەتمەكتە.

كۆك تاشلىق كىتابتىكى كۆپلىگەن ستاتستىكىلارنىڭ ئاساسى يوق

بۇ ھەقتە كانادادىكى ئىقتىساد شۇناس شۈ ئەپەندى مۇنداق ئانالىز قىلدى:

" بۇنداق بولۇشتىكى ئاساسىي مەسىلە جۇڭگودا ھازىر شەخسىي كىرىمگە ئائىت باج تۈزۈمى تېخى يولغا قويۇلمىدى. شۇڭا مۇلازىمەت ساھەسىدە، بۇ ھەقتە ئېنىق بىر ستاتىستىكا يوق . مەسىلەن ، ھازىر خىتايدىكى بالا باققۇچىلار سانىنىڭ ئۆزىلا 20 مىليوندىن ئاشىدۇ .لېكىن بۇ سان ھېچقاچان مۇلازىمەت خىزمىتىنى قىلغۇچىلار ئارىسىغا كىرگۈزۈلمىگەن. يېزىلاردىن شەھەرلەرگە كىرىپ باشقىلارنىڭ ئۆي ئىشىنى قىلىپ، بالىلىرىنى بېقىۋاتقانلار ھەر زامان ئىش ھەققىنى ئېلىپلا ، ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېتىدۇ. خىتايدا بۇ ھەقتە يەنى بالا باققۇچىلارنىڭ يىللىق كىرىمى ھەققىدە ھېچقانداق بىر تۇتاش ھېسابلاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلمىغان. غەرب دۆلەتلىرىدە بولسا، بۇ ھەقتە تولۇق ستاتىستىكا بولىدۇ. يەنى ھەر بىر ئادەم يىللىق كىرىمىگە قارىتا تېگىشلىك باج تۆلەيدۇ. ھەتتا ئۆيدىكى خىزمەتكارلاردىنمۇ يىللىق چىقىمنى ئاساس قىلغان شارائىتتا، ئازدۇر -كۆپتۇر باج ئېلىنىدۇ . لېكىن خىتايدا بولسا، ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە. ئەمەلىيەتتە ، خىتاينىڭ مۇلازىمەت ساھەسىنى ئارقىدا قالدى دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى خىتايدا ھازىر كۈرمىڭ دېھقان يېزىلاردىن شەھەرلەرگە كىرىپ، كوچىلاردا سېتىقچىلىق قىلىش، ئاشخانىلاردا مەدىكار بولۇپ ئىشلەش دېگەندەك خىلمۇ ‏- خىل مۇلازىمەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا. لېكىن بۇلارنىڭ سانىنىڭ ۋە كىرىمىنىڭ زادى قانچىلىك بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توغرا ۋە ئېنىق ستاتىستىكا يوق . شۇڭا 'كۆك تاشلىق كىتا' تا يېزىلغان 'مۇلازىمەت ساھەسىدە ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانى خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە ھېسابلانغاندا، كۆپ تۆۋەن' دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق"

بىر قىسىم ساھەدىكىلەرنىڭ كىرىمىنى ستاتىستىكا قىلىش تەس

خىتاينىڭ مۇلازىمەت ساھەسىدىكىلەر ھەققىدە ئېلان قىلىۋاتقان سانلىق ستاتىستىكىسىدا، بۇ خىل خاتالىق داۋاملىق كۆرۈنۈۋاتقان بىر ئىش. بۇ يېڭىلىق ئەمەس . مەسىلەن 2005 ‏- يىلى يىل ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ئىقتىسادى تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن كېيىن، دۇنيانى زىل -زىلىگە كەلتۈرۈدىغان مۇنداق بىر سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلغان، يەنى خىتاي مەملىكەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە 230 مىليارد خەلق پۇلى ئاشقانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە بۇ ئارتۇق بولغان 230 مىليارد خەلق پۇلى يۈزدە -يۈز مۇلازىمەت ساھەسىدىن كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ ئىندىئاننا ئىشتاتىدىكى ئىقتىساد شۇناس جېن جۇيۈەن ئەپەندى خىتاينىڭ مۇلازىمەت ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ كىرىم مەسىلىسىگە كەلگەندە، ھېسابلاشنىڭ ئىنتايىن تەس ئىكەنلىكىنى، چۈنكى كوچىلاردا ياماقچىلىق قىلىدىغان،سەي -پەي ۋە مېۋە -چىۋە ساتىدىغان ئۇششاق -چۈششەك تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانىنى ئىگىلەشنىڭ ئۆزى ناھايىتى تەسكە توختايدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇلازىمەت خىزمىتىنى قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقان خىتايلار بولۇپ، ئۇلار ھەتتا پۇل تېپىش ئۈچۈن، تۈرلۈك ساختىلىق قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۆيغۇر ئېلىدە كۈندىن -كۈنگە كۆپىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ساڭنا، ساتىراچخانا، پۇت يۇيۇشخانا ھەتتا ئۇيغۇرچە تاماقلارنى دوراپ مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئېچىپ بېيىۋاتقانلىقىنى ھەمدە تىجارەت قىلىش جەريانىدا تۈرلۈك ساختا قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى پاش قىلدى. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.