ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ "ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن" ناملىق كىتابىنىڭ داۋامى يورۇق كۆردى


2007.06.13

Eysa-Alipt-150.jpg
شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بايراقدارى، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ "ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن" ناملىق كىتابنىڭ 2 - تومى بولغان "ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىننىڭ ئىنقىلاب ئەسلىمىلىرى" ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى. سۈرەتتە، كىتاپنىڭ مۇقاۋى. Photos by RFA / Erkin Tarim

شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بايراقدارى، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ "ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن" ناملىق كىتابنىڭ 2 - تومى بولغان "ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىننىڭ ئىنقىلاب ئەسلىمىلىرى" ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى.

بۇ كىتابتا مەرھۇم سىياسىيوننىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى بولۇپمۇ، تۈركىيىگە يەرلەشكەندىن كېيىن خەلقئارا سەھنىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، بىر قىسىم خەت- چەكلىرى، ھۆججەتلىرى، تۈركىيە ۋە خەلقئارا مىقياسىدىكى يىغىنلاردا سۆزلىگەن سۆزلىرى ھەم باشقا مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك ماتېرىياللار يەر ئالغان.

مەرھۇمنىڭ كىتابىنىڭ بىرىنچى قىسمىدىن، ئۇنىڭ 1949 - يىلىدىن ئىلگىرىكى ھايات مۇساپىسىنى بىلىش مۇمكىن بولسا، بۇ ئىككىنچى قىسمىدىن، ئۇنىڭ 1949 - يىلىدىن كېيىن تاكى ۋاپات بولغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئاڭلىق ھاياتىنى بىلىش، شۇنىڭدەك شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بۇ مەزگىللەردىكى جەريانىنى چۈشىنىش مۇمكىن.

يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ كىتاب ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىغا قۇلاق سېلىڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.