ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەشھۇر 3 ئەسىرى توغرىسىدا


2007.06.20

1923- يىلى قەشقەردە سۇيىقەست بىلەن قەتل قىلىنغان مەرىپەتپەرۋەر، ئىسلاھاتچى ئالىم مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلىدا يازغان مەشھۇر 3 مۇھىم دىنى كىتابىنى قايتا نەشرگە تەييارلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكەن ئۆلىمالارنىڭ ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى بايان قىلىمىز.

1985- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا داموللامنىڭ "تەجۋىد تۈركى" يەنى( قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى قائىدىسى)، "ئەقائىد زۆرۈرى" يەنى( مۇھىم ئەقىدىلەر) ۋە "ئىبادەت ئىسلامىيە" يەنى( ئىسلام ئىبادەتلىرى) ناملىق شانلىق 3 مەشھۇر ئەسىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر ياردەمسۆيەرلىرى تەرىپىدىن ئىككىنچى قېتىم نەشر قىلىنغان ئىكەن.

مەزكۇر 3 مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئىككىنچى نەشرىگە يېزىلغان بېغىشلىمىلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن شەھىرىدە دۇنياغا كېلىپ، 1933- يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى قاتارىدا ئورۇن ئالغان، كېيىنچە مەھمۇد مۇھىتى بىلەن بىرگە چەتكە چىقىپ كېتىپ، ئاۋۋال مىسىردا، ئاندىن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ۋاپات بولغان مەشھۇر ئالىم ۋە مۇجاھىد مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىنىڭ تۆۋەندىكى ئەسلىمىسىمۇ ئورۇن ئالغان.

مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان

مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامى مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: " مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەسەرلىرى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ پايدىلىق بولغان ئىدى. نۆۋەتتە مەرھۇمنىڭ "تەجۋىد تۈركى"، "ئەقائىد زۆرۈرى" ۋە " ئىبادەت ئىسلامىيە"ناملىق مەشھۇر 3 ئەسىرىنى ئىككىنچى قېتىم نەشرگە تەييارلاش مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى سۆزلەيمىز. مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام تەخمىنەن 1881- مىلادىيە يىللىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتى ئۈستۈن ئاتۇش شەھىرىنىڭ مەشھەد مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىپتىدائىي بىلىملىرىنى ئاتۇش شەھىرىدە ئالغاندىن كېيىن، قەشقەر خانلىق مەدرىسىگە كېلىپ ئوقۇغان. كېيىنچە، بۇخاراغا بېرىپ ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىنى ۋە بۇ ئىككى تىلنىڭ ئەدەبىياتلىرىنى تولۇق ئىگىلىگەندىن كېيىن، قەشقەرگە قايتىدۇ.

مەلۇمكى، قەشقەردە ۋە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە مەدرىسلەردىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن قالاق ۋە بەكمۇ كونىچە ئىدى. مەدرىسە تالىبلىرى كۆپ قىينىلاتتى. دەرسلىكلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە لايىق شەكىلدە تەييارلانمىغانلىقى، بۇ مەدرىسلەردە ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىش دېگەن نەرسىنىڭ يوقلۇقى ۋە ئورتاقلاشقان بىرەر ئوقۇتۇش سىستېمىسىنىڭ بولمىغانلىقى سەۋەبلىك مەدرىسە تالىبلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يېرىم يولدا ياكى ئوتتۇرا يولدا مەدرىستىن ئايرىلىپ قالاتتى.

مەدرىستىن ئايرىلىپ قالغان شۇ كىشىلەر قورسىقىدا ھېچ نەرسە بولمىسىمۇ، تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئالىم - ئۆلىما دەپ ئاتىلاتتى. ئەمما مەدرىسىنى چىداپ ئاخىرىغىچە داۋام قىلدۇرغانلار ئىنتايىن ئاز كىشىلەر ئىدى. جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرىنىڭ قۇتبىلىرىنى ئەرەبچە ئوقۇش قائىدىسى ئومۇملاشقانلىقتىن، ئىماملارنىڭ سۆزلىگەنلىرىدىن خەلق قىلچە پايدا ئالالمايتتى.

ئەمما مەدرىسە تالىبلىرىغا كەلسەك، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ مەنىسىنى بىلمەيدىغان ئەرەبچە - پارسچە ئارىلاش گرامماتىكا كىتابىنى چۈشەنمەستىن يادلايتتى. تالىپلار دەردلىرىنى: " زەنجانى كىتاب كۈندۈزىمىزنى كېچە قىلدى،" "باشلىغاندا ئالتە ئىدۇق، يەتتىمىزنى گاچا قىلدى،" دېگەن قەسىدىلەر بىلەن ئىزھار قىلىشقا تىرىشاتتى.

مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان

مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام بۇ ئەھۋاللاردىن قاتتىق ئېچىنىدۇ ۋە خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلۇپ، يېڭىچە دىنى ھەم پەننىي ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويىدۇ. مەدرىسىلەرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە لايىق ھالدا ئۇيغۇر تىلىدا مەخسۇس دەرسلىك كىتابلارنى ھازىرلايدۇ. بالىلاردىن ئىمتىھان ئېلىش، ئۇلارنى تەنھەرىكەت ئوينىتىش ۋە ماقال يازدۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

مەرھۇم داموللامنىڭ بۇ يېڭىلىقپەرۋەرلىكى ۋە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلىرى شۇ ۋاقىتتىكى زالىم ھاكىمىيەت بىلەن خەلقنى ئالداپ جان باقىدىغان موللىلارغا قەتئىي ياقمايدۇ. چۈنكى داموللام خەلقنىڭ كۆزىنى ئېچىشقا تىرىشىۋاتاتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار مەرھۇم داموللامنى بۇ ھەرىكىتىدىن توختىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان چارىلىرى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن. ھەلىم مۇئەززىن دېگەن ئادەمگە پۇل بېرىپ، شۇ ئادەمنىڭ قولى بىلەن داموللامنى شېھىد قىلىپ بىراقلا قۇتۇلىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي يەنە مۇنداق دەيدۇ: " ئابدۇقادىر داموللام شېھىد قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئەرەبچە، پارسچە ۋە تۈركچە يېزىلغان مەرسىيەلەرنى توپلىساق چوڭ بىر كىتاب بولىدۇ".

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم ئابدۇقادىر داموللام توغرىلىق توختىلىپ مۇنداق دېدى:"ئابدۇقادىر داموللام بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئەڭ ئاۋۋال خەلقىنى ئويغىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ئادەم. بۇ ئادەمنىڭ خىزمىتى بىزنىڭ پۈتۈن لىدېرلىرىمىزنىڭ خىزمەتلىرىدىن ئەلۋەتتە كاتتا بولغان. بۇ ئادەمنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ قالغان قانخور خىتايلار بىزنىڭ ساتقۇن بايلىرىمىزنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن پۇل خەجلەش ئارقىلىق سۇيىقەست يولى بىلەن بۇ ئادەمنى قەتلى قىلغان".

مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەزكۇر ئەسىرى توغرىلىق توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:" مەرھۇم داموللام "تەجۋىد تۈركى"ناملىق ئەسىرىنى تۇنجى قېتىم 1912- يىلى تاتارىستاننىڭ قازان شەھىرىدە نەشر قىلدۇرغان ئىكەن. قالغان ئىككى ئەسىرىنىمۇ شۇ ۋاقىتتا نەشر قىلغان بولۇشى ئېھتىمال دەپ پەرەز قىلىنىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندا تارىختىن بىرى ئۆتكەن ئۆلىما - ئالىملار ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا كىتاب يازمىغان

بۇ ئۈچ ئەسەرنىڭ شۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى شۇ يەردىكى، شەرقىي تۈركىستاندا تارىختىن بىرى ئۆتكەن ئۆلىما - ئالىملار كىتاب يازسا ئەرەبچە ياكى پارسچە يېزىپ قالدۇرغان.ئەمما ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا كىتاب يازمىغان ئىكەن. بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىدى. چۈنكى ئەرەبچە ۋە پارسچە كىتابلارنى مەدرىسە كۆرگەنلەر ئوقۇيالايدۇ. ئەمما ئاۋام خەلققە پايدىسى يوق.

مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەزكۇر 3 ئەسىرى ئۆز تىلىمىزدا بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر قانداق كىشىنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى ئاممىباب ئەسەرلەر بولغانلىقتىن، شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستانلاردىمۇ بۇ ئەسەرنىڭ شۆھرىتى چوڭ بولغان. چۈنكى بۇ ئۈچ مەشھۇر ئەسەرنىڭ بىرى بولغان"تەجۋىد تۈركى" ئاۋام خەلققە قۇرئاننى توغرا ئوقۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەتسە، "ئەقائىد زۆرۈرى" ئېتىقاد مەسىلىلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. "ئىبادەت ئىسلامىيە" ناملىق ئەسىرى بولسا، ئىبادەتلەرنىڭ تەرىقىلىرى ۋە قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ. شۇڭا بۇ 3 ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولغان ئىدى."(ئۆمەرجان توختى )

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.