0:00 / 0:00
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەشھۇر ماناس داستانچىسى "يۈسۈپ ماماي ۋە ماناس داستانىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋارىيانتى" ناملىق كىتاب تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىكى كانيىلماز نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
بۇ كىتابنى ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتى دوتسېنتى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە ھازىرلىغان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، قىرغىزلارنىڭ مەزكۇر مەشھۇر داستانىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىنىڭ تەييارلىغۇچىسىدىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ ئالغان مەلۇماتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.