ئەلىخان تۆرىنىڭ تۈركىستان قايغۇسى ناملىق كىتابى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىندى


2007.07.25

TurkistanQayghusi-150.jpg
ئېلىخان تۆرىنىڭ "تۇركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتاۋىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى.

1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرە ساغۇنى يازغان تۈركىستان قايغۇسى ناملىق كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمى نەشىردىن چىقتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرۇلغان كىتابنى ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملاسى بويىچە يېزىپ چىققان. ئەسلىمە خاراكتېرىدىكى بۇ كىتابتا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-30- يىللىرىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى ۋە ئەلىخان تۆرىنىڭ 1938-يىلى كۇچادا تۇتقۇن قىلىنىشىغىچە بولغان ئارىلىقىتىكى تارىخى جەريان بايان قىلىنغان. كىتابنى ئوقۇغىنىڭىزدا پەقەت ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى غەربى تۈركىستاننىڭ قىسمەن ئەھۋاللىرى بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىقالايسىز.

تۈركىستان قايغۇسى ناملىق كىتابنىڭ 1- قىسمى 269 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك تېمىلار يەر ئالغان: ئەلىخان تۆرەمنىڭ تەرجىمىھالى، تۈركىستان قايغۇسى، كوممۇنسىتلارنىڭ رەزىللىكلىرى، شەرقىي تۈركىستانغا ئۆتۈشۈمنىڭ سەۋەبلىرى، قوقەندە مۇختارىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر ، ئاتتىئېزىم بىلەن كۈرەش، كوممۇنىستىك تۈزۈم بىلەن چار ھۆكۈمىتىنىڭ پەرقى، قۇتۇلۇش يولى، ھىجرىتىمىزنىڭ توختىلىشى، تۇتقۇنلۇق ۋە قېچىش، شەرقىي تۈركىستانغا ھىجرەت، غۇلجا ۋە ئىلى ھەققىدىكى خاتىرىلىرىم، قۇمۇل ئىنقىلابى، شىڭ دۇبەننىڭ كىرىملىن تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى ۋە خوتەن ئىنقىلابى، شىڭ دۇبەننىڭ زۇلۇمىدىن قېچىش ۋە تۈرمە .

ئەلىخان تۆرە ساغۇنى تۈركىستان قايغۇسى ناملىق بۇ كىتابنى چاغاتاي تىلىدا 1966 - 1973-يىللىرى ئارىسىدا ئەسلىمە قىلىپ يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، كىتاب 40 يىل ئارىدىن كېيىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

بىز بۇ كىتابنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشىرگە تەييارلىغان ئابدۇرېشىت كېرىمى ئەپەندى بىلەن كىتابنىڭ تەييارلىنىش جەريانى، كىتابنىڭ ئىلمى قىممىتى ۋە ئۆزبېكچە نۇسخىسى بىلەن بولغان پەرقى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ ئابدۇرېشىت كېرىمى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.